ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇردى
نىشان- ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولىمىز
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئاپتونوم رايوننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.
«باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر.» «<ئىككىنى تىكلەش>نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، <ئىككىنى قوغداش>نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك.» 4- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا تەشۋىقات خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىدىيە ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەش، ئەمەلىي تەدبىر چىقىرىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش؛ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى روشەن يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە ئۇنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش؛ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىدە يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.
ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش. 4- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتىيە كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، باش تېما تەربىيەسىگە قارىتا سەپەرۋەرلىك قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يىغىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئورگىنىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، بۇرچقا سادىق بولۇش ئىدىيەۋى ئاساسىنى ھەقىقىي پۇختىلىشى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلق قەلبىنى ئىللىتىش، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىش خىزمىتىنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.
«بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە <ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش> ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر شۈ رۇيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: بىز باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان- ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.
يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ نەزەرىيە ئۆگىنىشنى تۇتۇش، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تۇتۇش، خەلق ئىشلىرى ئاساسىي كەسپىنى چىڭ كۆزلەپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تۇتۇش، قىيىنىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى تۇتۇش، ئۇزاق مەزگىلنى كۆزلەپ قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىشنى تۇتۇش... ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پائال پىلانلىدى. نازارەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەس- بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلار خىزمەت تىزىملىكى بويىچە، 100 مەھەللىدە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەمەلىي ئىشلارنى داۋاملىق ياخشى بېجىرىپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.
«مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ، يېتەرسىزلىكنى بىلىش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.» 4- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى تەشكىللەپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى سوت قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئادىللىق ۋە ئۈنۈمگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان تۈزۈلمە- مېخانىزم مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى تەپتىش ئورگىنى خاسلىقىغا ئىگە بولغان، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باش تېما تەربىيەسى كونكرېت خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان، قانۇن نازارەتچىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، رەتلەپ، تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سىياسى بۆلۈم كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شۆ شۆيى مۇنداق دېدى: بىز باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان- ۋەزىپىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەپتىش خىزمىتى بىلەن «بىرلەشتۈرۈش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەپتىش خادىملىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەدە يۈكسىلىش، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، خىزمەتتە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
«پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىگە تەتبىقلاپ تەبىئىي بايلىق خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى ئاچقان باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، نازارەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر سۈن جىجوۋ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت يادرولۇق ۋەزىپە- مەسئۇلىيەتنى پۇختا ئادا قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك كان مەھسۇلاتلىرى بويىچە كان ئىزدەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەت زېمىنى بوشلۇقى يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش- قوغداش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەبىئىي بايلىق ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولىمىز.
4- ئاينىڭ 12- كۈنى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا پۈتۈن مەكتەپتىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، «دىققەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان سىفەن قۇرۇش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش تەلەپ قىلىندى. شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ئۆمەرجان ئېلى مۇنداق دېدى: «مەكتىپىمىز تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىگە قارىتا بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ».
يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش. 4- ئاينىڭ 13- كۈنى، شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىق مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنى پۇختا تاماملاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلاپ، گۇرۇھنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. گۇرۇھ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر سۈن بىن مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىدار، قابىلىيەتنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، گۇرۇھنىڭ «يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپى بەرپا قىلىش»تىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق، باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ئۈنۈم ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈرىمىز.
(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار سۈي يۈنيەن، لى لىن، ياۋ گاڭ، جاۋ شىيا، ياڭ شۇخەن، ۋاڭ نا، ۋاڭ يايۈن)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)