«تايلاند بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور»
23:25:57 2023-04-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«تايلاند بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور»

− تايلاندنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاتايۈ شىسامۇنى زىيارەت

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

 4- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە، تايلاندنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاتايۈ شىسامۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى. ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت مەزگىلىدە، باش ئەلچى ئاتايۈ شىسامۇ مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

 «بۇ مېنىڭ بىرىنچى قېتىم شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىشىم. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.» ئاتايۈ شىسامۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆلكە، ئاپتونوم رايونى، يىپەك يولىدىكى مۇھىم يول، شەرق- غەرب مەدەنىيلىكى بۇ يەردە گىرەلەشكەن. شىنجاڭ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىگە، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بۇ يەردە ئىناق بىللە ئۆتىدىكەن، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ جايدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى پائال ئۆستۈرۈپتۇ، كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپتۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

 زىيارەت داۋامىدا، ئاتايۈ شىسامۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش ئىرادىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى ھەممىگە ئايان. مەسىلەن، شىنجاڭدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، باغ- ئورمانچىلىق، يېشىل، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەر زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ مائارىپقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپتۇ، داشۆ ۋە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ئەمگەك ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپتۇ. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپتۇ.

 تايلاند شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھەمدە «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» (RCEP)گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن باشتىن- ئاخىر قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئاتايۈ شىسامۇ مۇنداق قارىدى: تايلاند بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىككى تەرەپ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى رامكىسىدا تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

 «ئەمەلىيەتتە، تايلاندلىق نۇرغۇن سودىگەر شىنجاڭغا كېلىپ سودا پۇرسىتى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇ». ئاتايۈ شىسامۇ مۇنداق دېدى: تايلاند ئاساسلىقى يېمەكلىك ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت، جۇڭگو شىنجاڭ ئاقىل يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سودا قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ. يەنە، پاكىز ئېنېرگىيە جەھەتتە، مەسىلەن، قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى ھەمدە سۇ بايلىقى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ناھايىتى زور ھەمكارلىق بوشلۇقى بار.

 ئاتايۈ شىسامۇ مۇنداق بىلدۈردى: RCEP توسۇقلارنى تۈگىتىش، تاموژنا بېجىنى ئازايتىش، ھەتتا تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق رايونلار ئارا سودىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمدە خادىملار جەھەتتە چوڭقۇر ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 «شىنجاڭ ناھايىتى گۈزەل ئىكەن.» ئاتايۈ شىسامۇ يەنە شىنجاڭنىڭ مول ساياھەت بايلىقىنى نۇقتىلىق تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تايلاند خەلق ئاممىسى شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىشنى، سەيلە- ساياھەت قىلىشتىن باشقا، يەنە شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇشنى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ۋە بۇ جايدا تىل قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. «بىز ئىككى جاي ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ بىۋاسىتە نۆۋەتچى ئايروپىلان سېلىپ، تېخىمۇ قولايلىق بولغان رەسمىيەتنى يولغا قويۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز».

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125