«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
15:41:09 2023-04-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كەلگۈسى تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەيلى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى 4- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 8- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كەلگۈسى تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەيلى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

 ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلىتىمىزدىكى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس ئومۇمىي گەۋدە بويىچە زامانىۋىلاشقان جەمئىيەتكە قەدەم قويدى، نوپۇس كۆلىمى ھازىرقى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نوپۇسىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ، بۇنىڭ مۈشكۈللۈكى ۋە مۇرەككەپلىكى مىسلىسىز، جەزمەن تەرەققىياتنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك؛ دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي گەۋدە، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي گەۋدە ئىچكى جەھەتتە ئىمكانىيەتلىك ئايلىنالايدۇ ھەم جەزمەن ئايلىنىشى كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش مەۋقە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا قويۇلۇپ چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، كەلگۈسى تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما. بىز يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتسەكلا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەيتەلەيمىز، ئاندىن ھەر خىل ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولغان كۈچلۈك بوران- چاپقۇن، شىددەتلىك دولقۇنلاردا دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارى، رىقابەت ئىقتىدارى، تەرەققىيات ئىقتىدارى، سىجىل داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىنىڭ ئاستىلاپ قالماسلىقىغا، ھەتتا ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، بەزى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇش ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىنىپ، خىزمەت ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىنىپ، سىياسەت، تۈزۈم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، لېكىن يەنە بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە، ئىككى ئۆلچەم بويىچە تەتقىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك: بىرىنچى، دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى تېخىمۇ قاراتمىلىق ھالدا تېزدىن تولۇقلاپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىككىنچى، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا ئايلىنىشقا بولغان جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تۈرتكىلىك كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جەزمەن مەسىلە يۆنىلىشى ۋە سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاساسلىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە تەڭ كۈچەپ، ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئېھتىياج تەمىناتنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنات ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، چەت ئەللەر «گالنى بوغۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. تۆتىنچى، شەھەر- يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر- يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش بوشلۇقى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، سۈپىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. بەشىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125