«شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىش، سودا قىلىش جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچ غايەت زور»
19:24:34 2023-04-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

−شېنجېن شەھىرىنىڭ تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تويا، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن جاۋلىن

4- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە، شېنجېن شەھىرىنىڭ تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى گېرمانىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە، ئارگېنتىنا، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە كېلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

4- ئاينىڭ 11- كۈنى، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ لەيۋو پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى، جېڭۋېي شىنجاڭ يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچىسى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ يېڭى ماتېرىياللىرى، تېببىي دورا مەھسۇلاتلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك پىششىقلاش، ياسىمىچىلىق كەسپى قاتارلىقلارغا زور دەرىجىدە قىزىققانلىقىنى بىلدۈردى.

جېڭدا كاڭدى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى جېڭ خېشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سەپەردە شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ تىنچ- ئىناق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق، شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدۇق، كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ جاي ناھايىتى ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىغا ئىگە ئىكەن. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئوچۇق ۋە ئەمەلىي ھالدا ياراتقان ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى تېز تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىپتۇ.

شىنجاڭ خام ماتېرىيال، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ئەمگەك كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى ياخشى بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە، جېڭ خېشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: يەم- خەشەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ جايدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، بازارنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

لەييىن تېخنىكا نازارەت قىلىش- قوغداش (شېنجېن) چەكلىك شىركىتى گېرمانىيە تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى بولۇپ، نۆۋەتتە كەسىپلىرى جۇڭگودىكى كۆپ جايلارنى قاپلىغان. بۇ شىركەتنىڭ باش تېخنىكا مەسئۇلى، باش دىرېكتورى ئورېۋ مۇنداق دېدى: بۇ جايدىكى شەھەرلەردە نۇرغۇن يېڭى ئىمارەت ۋە يېڭى قۇرۇلۇشلارنى كۆردۈم، بۇ، شەھەرلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئېكسكۇرسىيە قىلغان نۇرغۇن زاۋۇتتا ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئىلغار ئىكەن، مەن شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى ھېس قىلدىم، بۇ، بۇ جاينىڭ ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

4- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە، كارخانىچىلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، نەنداشىن يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئادىمىيەت تارىخى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى سەيلە قىلىپ، كارخانىچىلار قەدىمىي شەھەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئالدى- كەينىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ھەيران قالدى. رەتلىك، پاكىز كوچىلار، رەت- رەت دۇكانلار، مەدەنىيەت تۈسى قويۇق بولغان ئىمارەتلەر توپى كارخانىچىلارنى پات- پات قەدىمىنى توختىتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى.

شېنجېن شەھىرى يوۋكې مائارىپ، پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش شېرىكى دىمىتار مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەرنىڭ تەبىئىي ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى بايلىقى مول، ئىنتايىن زور سودا يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، «شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بەرپا قىلغان ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ناھايىتى زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەن، مېنىڭ قارىشىمچە، تېخنىكا خاراكتېرلىك ۋە مائارىپ خاراكتېرلىك شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى قەشقەرگە كېلىپ تەرەققىي قىلسا بولىدىكەن».

شېنجېن جىشيې خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرگە قارىتا ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسىنى قانات يايدۇرىدىغان شىركەت. شىركەت لىدىرى دىياگو مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەرنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورنى بۇ جاينى تاشقى سودا جەھەتتە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىپتۇ، مەن قەشقەرنىڭ كەلگۈسىگە ئىنتايىن ئۈمىد بىلەن قارايمەن.

كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي چالغۇ كەنتىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەنئەنىۋى مىللىي چالغۇلارنى ياساش جەريانى بىلەن تونۇشتى. شېنجېن شېكوۋ خەلقئارا مەكتىپى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى گىرېگ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، قەشقەرنىڭ يەرلىك كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئۆزگىچە بولۇپ، ئىنتايىن جەلپكارلىققا ئىگە ئىكەن.

بېيئەن خەلقئارا پەن- تېخنىكا (شېنجېن) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئاۋېن پاكىستاندىن كەلگەن بولۇپ، تەكشۈرۈش مەزگىلىدە ئۇ ھەر كۈنى ۋىيشىن ئارقىلىق سەپەر جەريانىدىكى ئىشلارنى تارقاتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سودا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىزغا ئېيتىپ بېرىمەن.

شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون. ئاۋېن مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم، شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىش، سودا قىلىش جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچ غايەت زور. بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە بولۇپمۇ يېڭى ماتېرىيال، يورۇقلۇق ۋولت كەسپى، تېببىي دورا كارخانىلىرىغا بولغان قىزىقىشىم تولۇپ تاشتى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».

تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، شېنجېن شەھەرلىك سودا ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن قەشقەردە مەبلەغ سېلىش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار ساھەلىرىدىكى كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خەلقئارا سودا، ئېلېكتىرونلۇق سودا، مائارىپ ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە پىكىر ئالماشتۇردى ھەم ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ 2- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى جاڭ يۈجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل سودا نازارىتى «كىرگۈزۈش» سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە- يىغىن سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مول تاشقى مەبلەغ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرنى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125