ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ھەبىبە، گاۋ فاڭ
ئۇسسۇل مۇزىكىسى ياڭرىغان ھامان، يايلاق، قارلىق تاغ، جىلغىلار مۇزىكىغا جور بولدى؛ كۆڭلەكلەرنىڭ ئېتىكى يەلپۈنۈپ، بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەنگەن مىڭلىغان- تۈمەنلىگەن چىرايلار قەلبلەردە ئەكس ئەتتى.
قاش قارايغان چاغ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق باغچىسى، لەنجوۋ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى، شىئەن ۋۇخۇەن مەيدانى، شېنياڭ تاۋەن باغچىسى، سەنيا خەييۆ مەيدانى، جىنچېڭ دەنخې سۇلۇق يەر باغچىسى... شادىيانە مۇزىكا ساداسى، نەپىس ئۇسسۇل بوشلۇق ھالقىپ يەتكۈزۈلدى، جاي- جايلاردىن كەلگەن كىشىلەر كېلىشىۋالغاندەكلا «بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناش» ئەندىزىسىنى باشلىدى.
ئەمدىلا ئاياغلاشقان تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىدا، ئاپتونوم رايون ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات- سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى 22 بۆلەك (سەھنە) سەھنە سەنئىتى مۇنەۋۋەر نومۇرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 11 تىياتىرخانىدا ئورۇنلىدى، ھەر قېتىمدا مەيدان تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى؛ باشلىنىش ئويۇنى بولغان ناخشا- ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت −شىنجاڭ ياخشى جاي»نى مەملىكەت بويىچە سەييارە قويۇش باشلىنىپ، بېلىتى قىس بولدى؛ كۆرەك نومۇرنىڭ بىرى بولغان، شىنجاڭنىڭ ئەسلىي ئىجادىي ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «مەلىكە جيېيوۋ» توردا ۋە تور سىرتىدا قويۇلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، كۆرۈرمەنلەر سانى 12 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. 3- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى مەدەنىيەت- ساياھەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە، شىنجاڭ ئۇسسۇلى گۇاڭجوۋ، شيامېن، خاڭجوۋ، نەنجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەيدانلاردا ئوينالدى، ھەربىر جايغا بارغاندا، يۈزلىگەن، مىڭلىغان كىشىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تېمىلار قىسقا سىن سۇپىلىرىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن تېمىغا ئايلاندى، پۈتۈن توردا تارقىتىش (ئوقۇش) مىقدارى 1 مىليارد 600 مىليون قېتىمدىن ئاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خەلق ئۇسسۇلى ئىچىدىكى كۆپلىگەن ئەسەر جۇڭگو ئۇسسۇلى «نېلۇپەر مۇكاپاتى»غا ئۇدا ئېرىشتى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى فېڭ شۇاڭبەي «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت»كە «جۇڭگو مىللەتلەر خەلق ئۇسسۇلى كىلاسسىك ئەسىرى...» دەپ باھا بەردى.
شىنجاڭ ئۇسسۇلى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بەلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن چوڭ سەھنىلەرگە چىقىپ، كىچىك مەيدانلارغا كىرىپ، بارغانسېرى كۆپ كىشى ياقتۇردى، ئۆگەندى، ئوينىدى. شىنجاڭ ئۇسسۇلى نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئالقىشقا ئېرىشەلىدى؟
شىنجاڭ ئۇسسۇلى خۇددى بىر ئاچقۇچقا ئوخشايدۇ
3- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن كېيىن، خاڭجوۋدا مەيىن شامال چىقىپ، سىم- سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى. خاڭجوۋ شەھىرى گۇڭشۇ رايونىدىكى ۋەندا مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زال بىلەن زال سىرتىنىڭ ھەممىلا يېرى «جياڭنەندىكى سىم- سىم يامغۇر»نىڭ جىمجىتلىقىنىڭ ئەكسىچە، شادىيانە «شىنجاڭ پۇرىقى»غا تولغانىدى. خاڭجوۋ شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىدىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق شىنجاڭ ئۇسسۇلى ھەۋەسكارى بۇ يەردە «بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناش»نى مەيدانغا ئېلىپ كىرىش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بىلىپ- بىلمەيلا، ئۇسسۇلچىلار قوشۇنى كېڭىيىپ 400 كىشىدىن ئاشتى.
«مەدەنىيەت سارىيى ھەر يىلى ئىككى قارار شىنجاڭ ئۇسسۇلى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچىدۇ، ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىپ بىر كۈن بولمايلا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى توشۇپ كېتىدۇ.» خاڭجوۋ شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جوۋ چىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇسسۇلىنىڭ ھەرىكەتلىرى بىر قەدەر ئىخچام، رىتىمى ناھايىتى شوخ بولۇپ، ئەر- ئايال، قېرى- ياشلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ماس كېلىدۇ.
مەملىكەت بويىچە شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىستاتىستىكا قىلغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما مەلۇم تور ئارقىلىق سېتىش سۇپىسىدىكى ئۇسسۇل كىيىم- كېچەك دۇكىنىنىڭ ئىگىسى ۋاڭ تيەننىڭ سېتىش سانلىق مەلۇماتىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى −− بۇلتۇر، ئۇنىڭ دۇكىنىدا «شىنجاڭنىڭ كەشتىلەنگەن كەڭ ئىتەكلىك يوپكىسى»دىنلا 39 مىڭدىن ئارتۇق سېتىلغان، «كوللېكتىپ سېتىۋېلىش سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 قۇرغا يېقىن چوڭ زاكازنى قوبۇل قىلغانىدىم».
ۋېيبوغا «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دەپ كىرگۈزسىڭىز، بۇنىڭغا ئائىت ئوقۇلۇش مىقدارى ئون مىليوندىن ئاشىدىغان تېمىدىن سەككىزى، بىر مىليوندىن ئاشىدىغىنىدىن 50كە يېقىنى بار بولۇپ، تۇڭ لىيا، سا بېينىڭ، دىلرابا، ياڭ ياڭ قاتارلىق چولپانلار ئوينىغان ئۇسسۇلنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە بالىلار، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، 60 ياشتىن ئاشقان تاغىلار قاتارلىق ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ شادىمان ئۇسسۇلغا چۈشكەنلىكىنىمۇ كۆرەلەيسىز. خوتەندىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى مەنبە قىلىنىپ ئىجاد قىلىنغان ئۇسسۇللۇق تىياتىر «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز»، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن نومۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۈرۈمچى، خوتەندىن كېيىن، بۇ تىياتىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ جايلىرىدا سەييارە قويۇلۇپ، مۇتەخەسسىسلەر، تاراتقۇلار، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسى ۋە يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرت يۇغۇرۇلما ئۇسلۇبى»دىكى ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ بىرىكمىسى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
«شىنجاڭ ئۇسسۇلىدا نامايان قىلىنىدىغان بەدەن تىلى ئىنتايىن قىزغىن، شوخ.» ئىلگىرى كۆپ قېتىم خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى ئۇسسۇل مۇسابىقىلىرىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ياش ئۇسسۇلچى، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى ئۇسسۇل شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ئۈمىد مۇنداق دېدى: «ھەم نەپىس- مەردانە، ھەم سەمىمىي- شوخ، ھەم ساپ ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان، يەنە يۇمۇرىستىك، قىزىقارلىق بولۇپ، بۇ ئامىللار شىنجاڭ ئۇسسۇلىدا تولۇق ئىپادىلەنگەن، بۇ ئۇنىڭ ئاممىنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى».
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئارزۇگۈل ئابلامۇ بىر كەسپىي ئۇسسۇلچى. ئۇنىڭ نەزەرىدە، شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇل دېڭىزى، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، رەڭگارەڭ خەلق ئۇسسۇللىرى بار. شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرىنىڭ مۇزىكىسى شوخ، رىتىمى ئېنىق، ئۇسسۇل قىياپىتى گۈزەل، ئازادە بولۇپ، ئىپادىلەش كۈچىگە باي، مەيلى ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلار بولسۇن ياكى كۆرۈۋاتقانلار بولسۇن ھەممىسى خۇشال كەيپىياتقا چۆمىدۇ. شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيى بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا توردا شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرغانىدى. «بىز سىنغا ئېلىپ كۆرسىتىلىدىغان تور دەرسى، كەسپىي ئۇسسۇل ئارتىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۆگىنىش سېپىگە قاتناشتۇردۇق» دېدى ئارزۇگۈل.
«يازدا دېڭىز ساھىلىدا، ھەممىلا يەردە كىشىلەرنىڭ شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، خەلق ئارىسىدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىدىغان ئۆمەكلەرمۇ ناھايىتى كۆپ». شيامېن شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى جاڭ جىڭجىڭ مۇنداق دېدى: كەچ كىرىشى بىلەنلا بەيلۇجوۋ، سۇڭبەي باغچىسى، لۇندۇ مەيدانى قاتارلىق جايلاردا، جەزمەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق مۇزىكا ياڭرايدۇ. شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپەيگەچكە، مەدەنىيەت سارىيىمىز پۇقرالار ساغلاملىق ئۇسسۇل دەرسىگە شىنجاڭ ئۇسسۇلى دەرسىنى قوشتى.
ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشى بىر خىل يېڭى كەسىپنى بارلىققا كەلتۈردى. «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا، مەخسۇس شىنجاڭدىن سەنياغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان <كۆچمە> ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن، مېنىڭ بىلىدىغانلىرىمدىنلا ئون نەچچىسى بار.» ئەنۋەر غېنى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ جايدا پەقەت شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئۆگىتىدىغان كۇرستىنلا 20دىن ئارتۇقى بار، ھەۋەسكارلار 10 مىڭدىن ئاشىدۇ، «مەن ھەر يىلى قىشتا سەنياغا كېلىپ ئۈچ ئاي تۇرىمەن، 15 كۈندە بىر قىسقا مۇددەتلىك كۇرس ئېچىپ، 4000دىن ئارتۇق ئادەمنى تەربىيەلىگىلى بولىدۇ».
بۇنىڭغا ئوخشاش شىنجاڭ ئۇسسۇلى «باش ئەلچى»لىرى، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى شىنجاڭ سىرتىدىكى مەيدان ئۇسسۇلى تەربىيەلەش بازارلىرى جەلپ قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئۆگىتىشكە تايىنىپ تېخىمۇ مەنىلىك تۇرمۇش كەچۈردى؛ بەزىلىرى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن شىنجاڭ سىرتىدا ئولتۇراقلىشىپ، شۇ جايدا مەيدان ئۇسسۇلى ئوينىغاچ، بىر تۈركۈم شىنجاڭ ئۇسسۇلى ھەۋەسكارلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى؛ يەنە بەزىلەر شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى «بىر كۆرۈپلا مەپتۇن بولۇپ قالغاچقا»، شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدىكى بىر ئەزاغا ئايلاندى.
قەلبداشلار مەدەنىيەت- سەنئەت مېھرى- شەپقەت ئىتتىپاقى خېنەن پىڭدىڭشەن شەھەرلىك شۆبىسىىنىڭ شۆبە باشلىقى ليۇ مېيخۇانىڭ يان تېلېفونىدا، شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغانلاردىن قۇرۇلغان ئون نەچچە ۋىيشىن توپى بار، «ھەربىر توپ 500گە يېقىن ئادەم بار چوڭ توپ.» ئۇ ئىلگىرى 1500 سائەتتىن ئارتۇق شىنجاڭ ئۇسسۇلى تور دەرسى سېتىۋالغان بولۇپ، ھازىر خېلىلا نامى بار ئىشتىن سىرتقى ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدى، بۇلتۇر يەنە «1000 ئادەم بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناش» پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللىدى، «ئىتتىپاقىمىزنىڭ لوياڭ، شىئەن، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردا شۆبىلىرى بار، شىنجاڭ ئۇسسۇلى بولسا ھەربىر شۆبىدىكى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن تۈر».
شىنجاڭ ئۇسسۇلى بىر ئاچقۇچقا ئوخشاش، شادلىق دەرۋازىسىنى ئاچتى، كىشىلەر يېنىك ئۇسسۇل قەدەملىرى بىلەن ئۇسسۇل ئويناپ ئاستا- ئاستا شىنجاڭغا كىرىپ، ئۇنىڭ قوينىدا بۇ تۇپراقنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.
كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدىغان جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۇرغۇتتى
سەھنە سىرتىدىكى شىنجاڭ ئۇسسۇلى مەيدانلاردا، مەھەللىلەردە، ئېتىز بويلىرىدا ئوينالدى، ئۇنىڭغا تۇرمۇشنىڭ شىرىن لەززىتى سىڭگەن، قەلب خۇشاللىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، جۇڭگو ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى بىر كۆزنەككە ئايلاندى؛ سەھنىدىكى شىنجاڭ ئۇسسۇلىغا مىللەتلەر خەلق ئۇسسۇلى، كۈسەن مۇزىكىلىق ئۇسسۇلى، كىلاسسىك ئۇسسۇل، ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى قاتارلىق ئۇسسۇل تىلى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ھەر بىرى «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش»تىكى ئاجايىپ نادىر ئەسەرلەرگە ئايلاندى.
«شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى كۆرسەم، دائىم كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلگەندەك ھېسسىياتتا بولىمەن.» دېدى 5- نۆۋەتلىك «ئەرەب سەنئەت بايرىمى» باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ باش رېژىسسورى بولغان جۇڭگو شەرق سەنئەت گۇرۇھى ئىجادىيەت مەركىزىنىڭ سېنارىستى ۋە رېژىسسورى لى مىڭجيا. ئۇ تۇرمۇش ئۆگەنگەندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قىزغىن سۆيىدىغان ۋە پائال ۋارىسلىق قىلغان ئۇسسۇللارنىڭ مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئىكەنلىكىنى، مەيلى سەنەم، نازىركوم ياكى ساۋۇردىڭ، قارا جورغا بولسۇن، ھەممىسىنىڭ خەلق ئارىسىدىن كەلگەن ھاياتىي كۈچكە باي سەنئەت ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
شىنجاڭ سىفەن داشۆسى مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى دەي خۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- ، 60- يىللىرىدىن باشلاپ، گۈزەل، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان، مىللەتلەر ئۆرپ- ئادىتى قويۇق بولغان شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرى پۈتۈن مەملىكەتتە بىر مەھەل كەڭ تارقالدى. شىنجاڭدىن كەلگەن بىر تۈركۈم ئۇسسۇلچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى جۇڭگو ئۇسسۇل تارىخىدىكى نادىر ئەسەرلەرگە ئايلاندى. ئامىنەنىڭ «قوغۇن تېرىش ئۇسسۇلى»، خەلچەم سىدىقنىڭ «دولان سەنىمى»، كۈرەشنىڭ «مېنىڭ راۋابىم»، بولۇپمۇ «ئۈزۈم ئۈزۈش» ئۇسسۇلى ئايتىللا، رەيھان، دىلنار قاتارلىق ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇسسۇل سەنئەتكارلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى، بۈگۈنگىچە سەھنىلەردە ئۇزاق ۋاقىت ئورۇندالغان بولسىمۇ جەلپكارلىقىنى يوقاتمىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «قوغۇن تېرىش ئۇسسۇلى»، «ئۈزۈم ئۈزۈش» 6- ، 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار تىنچلىق، دوستلۇق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش بايرىمىدا كۈمۈش مېدال ۋە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، «ئۈزۈم ئۈزۈش» ئۇسسۇلى 20- ئەسىر جۇڭگودىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە نادىر ئۇسسۇل بولۇپ تاللاندى.
تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش ئويۇنىدا، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل ئارتىسى زۇلمىرە ئىمىنجان ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، نەچچە ئەۋلاد شىنجاڭلىق ئۇسسۇلچىلار تەرىپىدىن كامالەتكە يەتكۈزۈپ ئوينالغان ئۇسسۇل «ئۈزۈم ئۈزۈش»نى ئورۇنلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەيلى دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى قايسىلا جايدا ئويۇن قوياي، ئۆزۈمگە، مەن پەقەت بىر ئۇسسۇل ئارتىسى ياكى بىر سەھنە تىياتىرىغا ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، بەلكى كىشىلەرگە شىنجاڭنىڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەيمەن، بۇ بىر ئىنتايىن مۇھىم مەسئۇلىيەت، دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىمەن».
نادىر ئەسەرلەرگە ئايلانغان بۇ شىنجاڭ ئۇسسۇللىرى، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا سەھنىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۇرغۇتتى، شۇنداقلا سەھنە سىرتىدىكى كىشىلەرگە شىنجاڭ ئۇسسۇلىنىڭ ساپلىقى ۋە جۇلالىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
«بۇ، مەن مۇشۇ يىللاردا كۆرگەن ئەڭ قالتىس بىر مەيدان ئويۇن بولدى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۇسسۇلى، چالغۇلىرىنىڭ ھەممىسى سەھنىدە نامايان قىلىنىپتۇ، ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەن.» سەنئەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ناخشا- ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت −شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ئويۇن بىلەن ئاخىرلاشقاندا، تاماشىبىن تيەن شياۋخۇڭ يەنىلا كۆرۈپ قانمىغاندەك تۇيغۇغا چۆمگەنىدى.
بۇ قېتىمقى باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئويۇننىڭ ئىجرائىيە رېژىسسورى جەسۇر تۇرسۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ناخشا- ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەتكە كۈسەن ناخشا- ئۇسسۇلى، 12 مۇقام، ساۋۇردىڭ قاتارلىق كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئامىلى، غىجەك، ساتار، راۋاب قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك خەلق مۇزىكا ئامىللىرى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئوبرازى جانلىق نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە مول، رەڭدار مىللەتلەر ئۆرپ- ئادىتى تەسۋىرلەنگەن.
«بۇ خىل تەسىرات ھەم تونۇش، ھەم ناتونۇش بولۇپ، تونۇش بولغىنى، ئۇ يەنىلا قويۇق شىنجاڭ مىللىي خاسلىقىغا ئىگە، ناتونۇش بولغىنى، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلغان بولۇپ، زامانىۋى تەپەككۇر، جانلىق تەسەۋۋۇر ۋە بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بەدىئىي ئىپادىلەش شەكلى قوللىنىلىپ، ئەنئەنىۋى، زامانىۋى، مىللىي، مودا ئامىللار توپلىنىپ يۇغۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي ئۇسسۇلىنى بىر خىل يېڭى بەدىئىي ئىپادىلەش شەكلىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان» دېدى شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئوبزورچىسى جاڭ يىڭچۇن.
شىنجاڭ ئۇسسۇلى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلنى ئاساس قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھنە ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.
ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىتىلىپ، رەڭدارلىققا ئىگە قىلىندى
تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى كۆرگەزمە ئويۇنى قويۇلغان ئون نەچچە كۈن ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باغچە، مەھەللە، مەيدان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بولمىغان كۆلەمدە ناخشا- ئۇسسۇل پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت پۇقرالار توپلاشقان بۇ جايلار ناخشا- ئۇسسۇل سەۋەبلىك شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى.
ھېسسىيات بىلەن ئوينىلىدىغان، ھېسسىيات بىلەن ۋەقەلىك يۇغۇرۇلغان ئۇسسۇل تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئۇسسۇلىدا كۆپىنچە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ۋەقەلىك قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ياكى جۇشقۇن، كۈچلۈك، ياكى نازۇك، نەپىس، ياكى ئاددىي، سەمىمىي، ياكى يەڭگىل، شوخ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشقا بولغان سەمىمىي، قىزغىن مۇھەببىتى نامايان قىلىنغان بولۇپ، كۈچلۈك تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە.
«گۈزەل شىنجاڭ تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ» دېدى جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىلنار ئابلا. شىنجاڭنىڭ «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىردىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئۇدۇن مۇزىكا- ئۇسسۇللىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل سەنئىتىدە بەلگىلىك تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. «سۇينامە»، «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە» قاتارلىق تارىخىي كىتابلاردا ئەينى چاغدىكى كۈسەن مۇزىكا- ئۇسسۇللىرى خاتىرىلەنگەن. مەشرەپ، قارا جورغا، بۈركۈت ئۇسسۇلى، ساۋۇردىڭ... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى قايسى جايغا بارسا، مۇزىكا ئاڭلانغانلا جايدا كىشىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تارىخ، مەدەنىيەت، خەلق ئۆرپ- ئادىتىنىڭ سىڭىشى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى.
«شىنجاڭ ئۇسسۇلى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۈمىدۋار، ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيەسى ۋە مەردانە، جۇشقۇن مىللەت خاراكتېرىنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان مەدھىيەسى ۋە ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدۇ». دىلنار مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئۇسسۇلىنىڭ ھۇزۇرلىنىش خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك، يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل، قوش كىشىلىك ئۇسسۇل، كوللېكتىپ ئۇسسۇللارنىڭ ھەممىسى بار، مۇرەككەپ، ئاددىي ھەرىكەتلەر ئارىلاشقان، ئاساسىي ھەرىكەتلەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن خالىغانچە بىرىكتۈرۈپ ئوينىغىلى بولىدۇ، مەيدان، ئادەم چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، مۇزىكا چېلىنسىلا ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۇسسۇل ئوينىغىلى بولىدۇ، «ھازىر مەيدان ئۇسسۇلىدا مودا بولۇۋاتقان شىنجاڭ ئۇسسۇلى، بىر خىل بەدىئىي تاۋلىنىش بىلەن ئەسلىي ھالەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئۇسسۇل شەكلى بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى، خەلقئارا ئۆلچەملىك ئۇسسۇل، جاز ئۇسسۇلى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسسۇل تىلى يۇغۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن يەنە شىنجاڭ ئۇسسۇلىنىڭ دەۋرگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ، ئىنتايىن كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ».
2021- يىلى «مانا بۇ كوچا ئۇسسۇلى» ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىدا، شىنجاڭ ئۇسسۇلى ھازىرقى زامان كوچا ئۇسسۇلىغا سىڭدۈرۈلگەن؛ 2021- يىلى «نىقابلىق ئۇسسۇل شاھى» ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىدا، شىرىنناي گاۋ ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى سەھنىگە ئېلىپ چىققان؛ 13- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئۇسسۇل «نېلۇپەر مۇكاپاتى» مىللەتلەر خەلق ئۇسسۇلى ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت»دە دولان ئۇسسۇلى ۋە شەندۇڭنىڭ بەل دۇمباق ياڭگىر ئۇسسۇلى بار بولۇپلا قالماي، يەنە بالېت ئۇسسۇلىنىڭ تېخنىكىلىق ھەرىكەتلىرىنى بايقىغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ دولان ئۇسسۇلىنىڭ رىتىمى بىلەن شەندۇڭنىڭ بەل دۇمباق ياڭگىر ئۇسسۇلىنىڭ رىتىمى ئىنتايىن ماسلاشقان بولۇپ، ھېسسىيات جەھەتتە بىر- بىرىگە باغلانغان...
«شىنجاڭ ئۇسسۇلى كۆپچىلىكنى گۈزەل ھېس قىلىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى، كۈچلۈك رىتىم تۇيغۇسى ۋە ئۆزگىرىشچان بىرىكىش تۇيغۇسى شىنجاڭ ئۇسسۇلىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇردى.» ئۈمىد مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ياقتۇرۇشى ئۈچۈن، جەزمەن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى باشقا ئۇسسۇل تۈرلىرى بىلەن ئۆزئارا ئىزدىنىش، ئۇچرىشىش داۋامىدا گۈزەللىكتە بىللە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، «ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدارلىققا ئىگە بولىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىتىلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، شىنجاڭ ئۇسسۇلى تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، ئىزچىل ئالقىشقا ئېرىشىدۇ».
ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى جانلىق ھاياتىي كۈچنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بەش نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمى ۋە بۇ باھاردا «ناخشا- ئۇسسۇل ئەندىزىسى»نى باشلىغان تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى كۆرۈرمەنلەرگە كۆپ خىل ئۇسسۇل تىلى ئارقىلىق بېيىتىلغان شىنجاڭ ئۇسسۇلىنىڭ دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېستېتىك ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ھەم شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلىرىنىڭ خاسلىقىنى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇسسۇلچىلىرىنىڭ ئورتاقلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىنى نامايان قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)