ئەركەشتام: ئەڭ غەربتىكى دۆلەت دەرۋازىسى كۈنسېرى ئاۋاتلاشتى
21:48:49 2023-04-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئەركەشتام: ئەڭ غەربتىكى دۆلەت دەرۋازىسى كۈنسېرى ئاۋاتلاشتى

− شىنجاڭ پورتلىرىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمىز (4)

 ئ‍انار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

 4- ئاينىڭ 11- كۈنى، قەشقەر شەھىرىدىن ئەركەشتام پورتىغا قاراپ ماڭدىم، يول بويىدىكى مەنزىرە بارا- بارا قاقاسلاشتى، تاغ تىزمىلىرى ئۈزۈلمەي داۋاملىشاتتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا بارماي تۇرۇپلا، مەن «تاغلىق ئوبلاست»نىڭ جاسارىتىنى ھېس قىلدىم.

 ئەركەشتام پورتىغا يېقىنلاشقانسېرى، يولدا چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. قارا ئۆگزىلىك، قىزىل لەمپىلىك، سېرىق تاملىق پورت تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك كۆرۈنەتتى، جۇڭگو تەرەپنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە چەت ئەل تەرەپنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان يۈك ئاپتوموبىللىرى پورتتىن تەرتىپلىك ئۆتۈۋاتاتتى.

 ئەركەشتام پورتى قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىگە ئاران 200 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ ناھايىتى يېقىن. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىي قىسمىدىكى بۇ پورتتا بارغانسېرى ئاۋات مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

 قىرغىزىستاندىن كەلگەن شوپۇر ئەيىم مۇسانىڭ جۇڭگو شىنجاڭ- قىرغىزىستان ئوش شەھىرىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارا لىنىيەدە يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولدى. مۇشۇ يىللاردىكى ئەركەشتام پورتىنىڭ تەرەققىياتىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ «ئۆزگىرىش زور» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىدى.

 «پورتنىڭ قونالغۇ شارائىتى ياخشىلاندى، خىزمەت پۇرسىتى كۆپەيدى» دېدى ئەيىم مۇسا. بەش بالىنىڭ دادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن ئەيىم مۇسا خەلقئارا يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەپ قىلغان كىرىمى بىلەن ئائىلىسىنى باقىدۇ. سەككىز يىل ئىلگىرى، ئۇ جۇڭگو- قىرغىزىستان ئارىلىقىدا ئايدا بىر قېتىم بېرىپ كېلىپ قاتنايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو- قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودا ئالاقىسىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ بىر ئايدا ئەڭ ئاز بولغاندا بۇ لىنىيەدە ئۈچ قېتىم بېرىپ- كېلىپ قاتنايدىغان بولدى. يولغا چىقىش قېتىم سانى كۆپىيىپلا قالماي، ئەيىم مۇسا توشۇغان ماللارنىڭ تۈرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، دەسلەپكى تۈرلۈك ماللارنى ئاساس قىلىشتىن تەدرىجىي ھالدا ماشىنا- ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ماللىرى قاتارلىقلارغا كېڭەيدى.

 بۇ قېتىم ئۇنىڭ ھەيدىگىنى خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت (TIR) ئاپتوموبىلى بولۇپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ماللىرىنى قاچىلاپ يولغا چىقىپ، ئەركەشتام پورتىدىن ئۆتۈپ ئوش شەھىرىگە بارىدۇ.

 بۇ ماللار جۇڭشۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىدىن كەلگەن. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى جاڭ چى مۇنداق بىلدۈردى: شىركەتنىڭ شىنجاڭدا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى، ئاساسلىق تىجارەت دائىرىسى جەنۇبىي ئاسىيا ھەمدە ئوتتۇرا دېڭىز رايونى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەسپى بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇ يىل 514 توننا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ماللىرى ئېكسپورتىنى تاماملىدى.

 2018- يىلى 5- ئايدا، TIR ئەھدىنامىسى جۇڭگودا رەسمىي ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلدى، ئەركەشتام پورتى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئالتە پورتنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

 «TIR ئاپتوموبىللىرى پەقەت توشۇش باشلىنىدىغان جاي ۋە مەنزىلدە تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ، چېگراسىدىن ئۆتىدىغان دۆلەتنىڭ تاموژنا تەكشۈرۈشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.» ئەركەشتام تاموژنىسى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى مۇنەۋەر ئىلھام مۇنداق دېدى: بۇ، خەلقئارا سودىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، تىرانسىپورت تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

 مۇنەۋەر ئىلھام مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو- قازاقىستان، جۇڭگو- قىرغىزىستان، جۇڭگو- ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر سودىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەركەشتام پورتى خەلقئارا يول يۈك تىرانسپورتىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

 ئەركەشتام پورتىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ مەزگىلدە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئەركەشتام پورتى باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن جىڭخۇا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇدا توختىماي ئالدىراش ئىشلىدى. «بىز دۆلەت دەرۋازىسى بار جايغا كۆۋرۈك سېلىپ يولنى كېڭەيتىپ، پورت يولىنىڭ Z شەكىلدىكى ئايلانما يول مەسىلىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىشنى پىلانلىدۇق» دېدى چېن جىڭخۇا.

 پورتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپلا قالماي، ئەركەشتام پورتى باغچە رايونى بۇ يىلمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۈتىۋالىدۇ. ئەركەشتام پورتى باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سودىگەر چاقىرىش شۆبە ئەترىتى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، باغچە رايونى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدۇ.

 «سىلەرنىڭ كېلەر يىلى ئەركەشتام پورتىغا يەنە كېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز، شۇ چاغدا بۇ جايدا يېپيېڭى قىياپەت نامايان بولىدۇ» دېدى چېن جىڭخۇا.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125