​ما شىڭرۇي ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى
17:23:02 2023-04-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

4- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. سۈرەتتە: 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ما شىڭرۇي چاقىلىق لوپنۇر كۆلى سانائەت باغچە رايونىدا دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز شىركىتىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىماقتا. ياڭ شياۋدۇڭ فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 4- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئەمەلىي ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ ئەمەلىي تەدبىر تۈزۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى.

 ئىككى كۈندە، ما شىڭرۇي سەپەرگە يېنىك ئاتلىنىپ، قۇملۇق، چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىگە، دەريانىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى، كۆللەرگە، تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا، يېزا- بازارنىڭ بىرىنچى سېپىگە بىۋاسىتە بېرىپ، يول بويى نەق مەيداندا كۆرۈپ، تەپسىلىي سوراپ، ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

 ما شىڭرۇي چاقىلىق لوپنۇر كۆلى سانائەت باغچە رايونى ۋە يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، دۆلەت تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز شىركىتىنىڭ تۇز كاندۇكى پومپا پونكىتى، كالىي سۇلفات زاۋۇتى، يىلىغا 5000 توننا لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 350000 × 2 كىلوۋاتلىق ئىسسىقلىق ئېلېكتىر بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، يىلىغا 200 مىڭ توننا يۇقىرى ساپلىقتىكى كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ھەمدە شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ تۆشۈكسىز نانومېتىر مىكرو كىرىستاللىق ماتېرىيال تۈرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كارخانا، ئوبلاست، ناھىيەلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن تۈر قۇرۇلۇشى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىق، مەسىلە قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، كارخانىلارنى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بالدۇرراق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى رايون ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. چىشىڭ چياڭدۇ گۇرۇھىدا، ما شىڭرۇي چوشقا باقمىچىلىقى، يەم- خەشەك ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، كارخانىنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پائال سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان- چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئالاقىدار رايون ۋە تارماقلار تۈر مۇلازىمىتى كاپالىتىنى پۇختا تۇتۇپ، تۈرلۈك كارخانىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلىپ، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 كىروران قەدىمىي شەھەر خارابىسى لوپنۇر كۆلى چۆل- جەزىرىلىكىگە جايلاشقان. ما شىڭرۇي بۇ يەرگە كېلىپ، قوغداش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ تارىخىي تومۇرى ۋە خارابىلىكنى قېزىش، قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كىروران قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمىي يادىكارلىقلارنى قوغداش، ياخشى پايدىلىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە خارابىلىكلەرنى تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا سىياسەت، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، خارابىلىكنى قوغداش، باشقۇرۇش ئەسلىھە شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشنى تاپىلىدى.

 سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ما شىڭرۇي چاقىلىق دەرياسىغا كېلىپ، نەق مەيداندا دەريا سۈيىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئېقىن ئۆزگىرىشى، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئەھۋالىنى سورىدى؛ تىتىما كۆلى ۋە چەرچەن دەرياسىنىڭ كۆلگە قۇيۇلۇش ئېغىزىدا سۇ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى، سۇ ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيەنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سۇ بايلىقىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سىستېما تەپەككۇرى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋادىنىڭ سۇ بايلىقىنى قوغداش، پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي يەنە لوپنۇر كۆلى رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى، لوپنۇر كۆلى بازىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپتىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، كۆپچىلىكنى جاپادىن، ھېرىپ- چارچاشتىن قورقماسلىق روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، دىققەتنى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن ئەمەلىي خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن يۆنىلىشنى، تەپەككۇرنى، تەدبىرنى تېپىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىش كېرەك. زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىدىكى ئەۋزەللىك ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان بايلىق ۋە كەسىپلەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپلەر توپىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ مۇقىم بولغان مەنپەئەتنى باغلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەردىكى كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. پائال ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كادىرلارنىڭ دادىل نەتىجە يارىتىش، يەرلىكنىڭ دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، كارخانىلارنىڭ دادىل ئىشلەش، ئاممىنىڭ دادىل ئىجاد قىلىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىپ ھەم ئىشنى پۇختا قىلىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 قادېن كەبىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125