​ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، مالىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى
21:05:07 2023-04-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا مالىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئانار بولۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 4- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، مالىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مالىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مالىيە بايلىقىنى تەقسىملەش، كىرىمنى تەقسىملەش، ئىقتىسادنى تەڭشەش- تىزگىنلەش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پۇختا مالىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، مالىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مالىيەنى قانۇن بويىچە توپلاپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ، مالىيە مەنبەسىنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈپ، مالىيە كۈچىنى كېڭەيتىپ، ساقلانما بايلىق، مۈلۈكلەرنى جانلاندۇرۇش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە باجنى كېمەيتىش- ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ياخشى شارائىت يارىتىپ، باج مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈپ، مالىيە كىرىمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس قەرزى ۋە تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە مەدىتى قورالى قاتارلىق سىياسەتلەردىن ئۇنىۋېرسال ياخشى پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغان مالىيە كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «مۇھىم نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئادەتتىكىلىرىنى تىزگىنلەش»تە چىڭ تۇرۇپ، خامچوت چەكلىمىسىنى چىڭىتىپ، مالىيە چىقىم ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، «ئۈنۈملۈك بازار» بىلەن «قابىل ھۆكۈمەت»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مالىيە مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، داۋالاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۇرالغۇ كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. «ئۈچ كاپالەت» چىقىمىنى خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئالدىنقى تەرتىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى تۈگىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ- خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك. مالىيە- ئىقتىساد ئىنتىزامىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مالىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، قانۇن- ئىنتىزام ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خامچوت تۈزۈش، خامچوتنى ئىجرا قىلىش، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى، خامچوت ئۈنۈمى ۋە مەمۇرىي- كەسپىي خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ مالىيە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تۇتۇشتا مالىيەنى تۇتۇش كېرەك» دېگەن ئاڭنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، مالىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى مالىيە خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خامچوتنى قانۇن بويىچە بەلگىلەش ۋە باجنى قانۇن بويىچە بەلگىلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ئومۇمىي بىرىكمە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، مالىيەنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ، ئاقىللاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. پاكلىق خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق مالىيە- ئىقتىساد كادىرلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، مالىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، چېن مىڭگو، سۈن خۇڭمېي، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، قەيسەر ئابدۇكېرىم قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125