شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسى تارقاتتى
16:59:45 2023-04-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسى تارقاتتى

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەيلى − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى»

 شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەيلى − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسىنى تارقاتتى.

 ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بارلىق شەيئى ئويغىنىدىغان باھار دەل غەيرەت- شىجائەتكە تولىدىغان مەزگىل.

 ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئاشتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشتى، مال ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشتى... 4- ئاينىڭ 18- كۈنى ئېلان قىلىنغان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2023- يىلىدىكى تۇنجى پەسىللىك نەتىجە قەغىزىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جەريانىدا ئەسلىگە كېلىش، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى.

 «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك» «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك» − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى قەتئىي، ئېنىق ئىدى.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىلدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەنى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشى، پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىلەن تەمىنلىدى.

  ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىش: «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك»؛ تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش: «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك»؛ تۆۋەن چەكنى پۇختا ساقلاش: «بىز تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىشىمىز كېرەك»؛ خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش: «خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى، تىنچ- ئامانلىقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى».

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساق، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى مۇقەررەر پۈتۈپ چىقالايمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125