1- پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- بازارلىرىدا 121 مىڭ 200 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى
19:48:03 2023-04-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

1- پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- بازارلىرىدا 121 مىڭ 200 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.73 ئاشتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر جاۋ چۇنخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1- پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون شەھەر- بازارلىرىدا 121 مىڭ 200 كىشىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.73 ئاشقان.

 ئاپتونوم رايونىمىز ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ پىشاڭلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، «بىۋاسىتە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ تېز بېجىرىش» «ھۆددىگە ئېلىپ بېجىرىشنى تېزلىتىش» «ئىلتىماس قىلىشنى كەچۈرۈم قىلىپ، شۇ ھامان بەھرىمەن قىلدۇرۇش» «بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىكلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلدۇرۇش» قاتارلىق مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈردى، 1- پەسىلدە 243 مىڭ 900 ئادەم قېتىم ئۈچۈن 323 مىليون يۈەن تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش، بىر قېتىملىق ئىش ئورنىنى ساقلاپ قېلىپ تەربىيەلەش ياردەم پۇلى، بىر قېتىملىق ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلى تارقىتىش ئارقىلىق، كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ 1 مىليارد 445 مىليون يۈەندىن ئارتۇق يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى كۈچەپ يېنىكلەتتى، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇردى.

 بۇ يىلدىن بۇيان، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش، قەلبلەرنى ئىللىتىش پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇردى. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ۋە خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئېنىقلاپ، تەمىنلەش- ئېھتىياج مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، «كەسىپ تەرەققىياتى شىنجاڭدا» تېمىسىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىغا يېتەكلەش قاتارلىق تور ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىش مۇلازىمەت پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى ئېلان قىلىش ۋە تەكلىپلىك قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنىڭ زىچلىقىنى ساقلاپ، تەكلىپلىك قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلىدى. 1- پەسىلدە، جەمئىي 1317 مەيدان قېتىم تور ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئېشىپ، 590 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى خىزمەت ئىزدەش، خىزمەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا جەلپ قىلدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرىكى «كۆزنەك مەزگىلى»نى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقلىرى مەكتەپلەرگە كىرىش»، مەكتەپلەردە تەكلىپلىك قوبۇل قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، سىياسەتنى، ئىش ئورنىنى، مۇلازىمەتنى يەتكۈزدى. ئىش ئورنىغا تونۇشتۇرۇش، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم قىلىش- يۆلەشنى ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش ۋە تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشنى يولغا قويۇپ، شەھەر- بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى ساقلىدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. 1- پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە 1 مىليون 298 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەندى؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 7400 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم قىلىنغان- يۆلەنگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.85 ئاشتى. شەھەر- بازارلاردىكى 58 مىڭ 900 نەپەر ئىشسىز كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.1 ئاشتى.

 بۇنىڭدىن باشقا، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈش، ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە قوغداش قاتارلىق سەككىز پىلاننى يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق توپلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە ئۇرغۇتۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قويۇپ بەردى. 1- پەسىلدە، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر 23مىڭ كىشى بولۇپ، 30 مىڭ 600 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %64.29، %264.29 ئاشقان بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125