ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى) نەق مەيدان يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلدى
17:12:59 2023-04-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى) نەق مەيدان يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلدى

 پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ- قۇۋۋەت قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك

 ما شىڭرۇي، ۋاڭ گوشېڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى   ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى   لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

 4- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى) نەق مەيدان يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى 

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى) نەق مەيدان يىغىنى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 4- شى كۆكدالا شەھىرى، 5- شى شۇاڭخې شەھىرى، 7- شى خۇياڭخې شەھىرى، 9- شى بەيياڭ شەھىرى، 10- شى بېيتۈن شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆز جايىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالى، ساقلىنىۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىلىرى ۋە ماسلاشتۇرۇش، قوللاشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار بۆلەك رايوننىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە ئۆزى مەسئۇل ساھە، تارماقلارنىڭ ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تەدبىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ما شىڭرۇي كۆپچىلىك بىلەن خاس يېزا ئىگىلىك كەسپىنى زورايتىش، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش، پورت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نۇقتىلىق قاتناش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى رەتلەپ ۋە تەھلىل قىلىپ، ھەقىقىي تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

 ۋاڭ گوشېڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە نىشان- ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدەپ، يىغىن باش تېمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى بويىچە، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى ئاساسىي نۇقتىئىنەزەر، ئىلمىي سىستېمىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىگىلەپ، بۇ ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇلارنى ياخشى تەتبىقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش داۋامىدا نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، پىكىر يولىنى ئېچىپ، ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يوشۇرۇن كۈچى، ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، گەۋدىلىك بوغما ھالەتنى چىڭ كۆزلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەمەلىيەت داۋامىدا مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى دەل جايىدا، پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش داۋامىدا بىلىم قارىشىنى يېڭىلاپ، سىياسەتنىڭ روھىنى تولۇق ئىگىلەپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى تاۋلاپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ تۈگۈنىنى توغرا تېپىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، دەل جايىدا كۈچەشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىرنى تېپىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، پائال تۈردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل- پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، شەھەرلەرنىڭ نوپۇس ۋە كەسىپ جەھەتتە كۆتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك، بولۇپمۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قېتىرقىنىپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئەۋزەللىكنى ئايلاندۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز توپلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، يېقىن قوشنا دۆلەت، رايونلار بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئالاتاۋ پورتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىلى قاتارلىق جايلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ قويۇپ بېرىپ، كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىنى چارلاش- ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپىنى پائال بەرپا قىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيە، بىيو تېببىي دورا، خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىياللىرى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېنېرگىيە بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەۋزەللىكىنى پائال قويۇپ بېرىپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئاشلىق، ياغ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خاس كۆكتات ئەۋزەل رايونى، خاس جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرۈش رايونىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە بۆلەك رايون ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈپ، بۆلەك رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ھەتتا دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھەلەر جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى قاتناش ئەشيا ئوبوروتى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان خام نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە تۇرۇبا تورى يولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، رايون يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يېقىنقى مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى- قاراماي- سانجى، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭدىن ئىبارەت تۆت بۆلەك رايونغا بۆلۈپ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى بۆلەك رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ پۇختا قەدەم تاشلىدى.

 جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار غۇلجا شەھىرىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن سىنلىق شەكىلدە ئېچىلدى، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125