شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولايلى
17:36:55 2023-04-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

 4- ئاينىڭ 19- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى) نەق مەيدان يىغىنى ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

 يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تەلىپى. قازاقىستان، رۇسىيە، موڭغۇلىيە دۆلىتى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىنىدۇ، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە ئالاتاۋ، باقتۇ، جېمىنەي قاتارلىق كۆپلىگەن قۇرۇقلۇق پورتى بار، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن كۆپلىگەن چوڭ يول بار، قورغاس، ئالاتاۋ ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتىدىغان جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى يۇقىرى خانىلىق ئېشىشنى ساقلىماقتا... مەيلى جۇغراپىيەلىك رايون ئورنى ياكى تەرەققىيات ئاساسىدىن قارىغاندا بولسۇن، شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىنى كېڭەيتىش جەھەتتىكى رولى تېخىمۇ مۇھىم. جەزمەن مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، رايوننى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم يولى. شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى مول، تەبىئىي مەنزىرىسى ئۆزگىچە، ئورمان، ئوتلاق ۋە سۇ بايلىقى يېتەرلىك، تېرىلغۇ يەر ساقلانما مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى، ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ نوپۇس ۋە كەسىپ جەھەتتە كۆتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. قېتىرقىنىپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەۋزەللىكىنى پائال قويۇپ بېرىپ، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەقىقىي تۈردە بۆلەك رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، يەرلىك خاسلىققا ئىگە بايلىقنى قىممەتكە ئىگە قىلىش يولىدا مېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز توپلاپ، ھەقىقىي تۈردە شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

 ئىقتىدار ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم كاپالىتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلاپ ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت ئېڭى ۋە سىستېما قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تولۇق ئىگىلەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش، كۈچەشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىرنى دەل جايىدا تېپىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، قاتلاممۇقاتلام كۆرسەتكۈچنى يۇقىرىلىتىشنى قەتئىي تۈزىتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

 ئۈرۈمچى- قاراماي- سانجى بۆلەك رايونىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىغىچە، شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىدىن شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىغىچە، بىر ئاي ئىچىدە ئۇدا ئېچىلغان تۆت مەيدان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يىغىنىدا، روشەن بولغان مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى نامايان قىلىندى. بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، دائىم غېمىدە بولۇشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتەك كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھ ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125