شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ يۈننەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
17:01:07 2023-04-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ يۈننەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

 تەبرىك خەت

 يۈننەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان مۇشۇ پەيتتە، مەن بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

 100 يىلدىن بۇيان، يۈننەن داشۆ «بارچە ئېقىملار توپلىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىش، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش روھىغا ئەمەل قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب چېگراسىدىكى مىللەتلەر رايونىدا يىلتىز تارتىپ، زور تۈركۈمدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

 قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، يۈننەن داشۆنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى ۋە پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

                    شى جىنپىڭ

                 2023- يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى 

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى)

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 20- كۈنى خەت ئەۋەتىپ، يۈننەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

 شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 100 يىلدىن بۇيان، يۈننەن داشۆ «بارچە ئېقىملار توپلىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىش، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش روھىغا ئەمەل قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب چېگراسىدىكى مىللەتلەر رايونىدا يىلتىز تارتىپ، زور تۈركۈمدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، يۈننەن داشۆنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى ۋە پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 يۈننەن داشۆ 1922- يىلى قۇرۇلغان، 1923- يىلى رەسمىي ئوقۇش باشلىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسىم چېگرا رايونىدىكى ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان ئۇنىۋېرسال داشۆلەرنىڭ بىرى. مەكتەپ قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، يۈننەن داشۆ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 300 مىڭدىن ئارتۇق تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125