ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، 2023- يىلى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 1- پەسىللىك ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى تەھلىل قىلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى پائال بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم، زور سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ بايلىقىنى يۆتكەپ ساقلاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» ئاتموسفېراسىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەل قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، رەسمىيەتچىلىك قىلىش، يېرىم- يارتا ئىش قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل- پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «مەركىزى كومىتېتنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى يىرىك پىلانى (2023- يىلىدىن 2027- يىلىغىچە)»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «بىرىنچى قول رەھبەر» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى چىڭ كۆزلەپ، كۆزىتىش- تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش- تەرتىپكە سېلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ ئۇزارتىپ، كەسىپ توپىنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق بايلىقى ۋە كەسىپلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكنى چىقىش قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە تىزىملىكىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىدىكى بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى نىشانلاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇھىم، زور تۈر، نۇقتىلىق سۇپا، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ سودا تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى نىشانلاپ، خىزمەت مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، سودا تەرەققىياتىنىڭ زاپاس كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.
يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 1- پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى تېز ئەسلىگە كەلدى، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئاشتى، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، تۇتقىنى دەل تېپىپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، كۈچەپ كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ۋە كۆكتات بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سالماقنى زورايتىپ ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. مۇھىم، زور تۈرلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز توپلىشى كېرەك. ئىستېمالنى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ساياھەت ئىستېمالىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىش ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك. بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتۇپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، بەس- بەستە تەرەققىي قىلىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش سىياسەت- تەدبىرلىرىنى ئۇزارتىپ يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، بېيجىڭ چاڭفېڭ دوختۇرخانىسىدا يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ھادىسىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.