«ئالتۇن يول»نىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىش
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي
4- ئايدىكى شىنجاڭدا ئوت- چۆپلەر غول تارتىپ، گۈللەر ئېچىلىپ ئەتراپ يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ھەممە يەردە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. چېگرا بويىدىكى پورتلاردا ئالدىراشلىققا تولغان ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان ئىمپورت- ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتلىرىمۇ ئوخشاشلا ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. بۇ باھاردا، ئېچىۋېتىش بۇرغىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن سالماق بىلەن شىنجاڭ تۇپرىقىدا ياڭرىدى.
3- ئاينىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، ئىقتىساد- سودا، پۇل مۇئامىلە، پەن- تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلدى.
بۇ قېتىمقى ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان زىيارەتكە چىقىش شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈشتە پۇختا قەدەم تاشلىغانلىقىنى نامايان قىلدى. 4- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن باشلاپ، مۇخبىر ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدىكى پورتلارنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
ئەشيا ئوبوروتى راۋانلاشتى، بېرىش- كېلىش قويۇقلاشتى
بۇ يىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ مۇقىملىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ پورتلىرىدا خەلقئارا يولۇچى توشۇش ۋاقتىدا، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، خەلقئارا يۈك تىرانسپورتىدا مۇقىم ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولىنىڭ رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى.
قورغاستا، ئۆزبېكىستانلىق سودىگەر پەزىردىن فىرقەت جۇڭگو زېمىنىغا تۇنجى قېتىم قەدەم قويدى.
«ھازىر پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ناھايىتى تېزلەشتى، بىز قازاقىستاندىن نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بىرنەچچە سائەت ماڭساقلا قورغاسقا يېتىپ كېلىمىز» دېدى پەزىردىن فىرقەت. پەزىردىن فىرقەت ۋە ئۇنىڭ دادىسى بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئەنئەنىۋى جۇڭگو تۈرلۈك ماللىرىنى سېتىۋالغاندىن باشقا، يەنە جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر تۈركۈم قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرىنى سېتىۋالماقچى بولدى.
پەزىردىن فىرقەت ئائىلىسىنىڭ ئۆزبېكىستاندا سەككىز دۇكىنى بولۇپ، ھەممىسىدە جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلار سېتىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە پورتتا يولۇچى توشۇش ئەسلىگە كەلدى، ئۇلار جۇڭگودىكى ھەمكارلىق ھەمراھى رەپقەت تۇرغان بىلەن كۆرۈشۈپ سودا توغرۇلۇق يۈزتۇرا سۆزلىشىشكە كېلىشىپ قويغانىدى.
«قورغاستا كۆزدىن كەچۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن، مەن ئۇلارنى ئۈرۈمچىگە بىللە بېرىپ سودا پۇرسىتى ئىزدەشكە تەكلىپ قىلدىم» دېدى رەپقەت تۇرغان. كۆپ يىللىق ھەمكارلىق ئۇلارنى ياخشى دوستلارغا ئايلاندۇرغانىدى.
1- ئاينىڭ 8- كۈنى قورغاس پورتىدا يولۇچى توشۇش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، 3- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، بۇ پورتتىكى خەلقئارا لىنىيە ئارقىلىق چېگرادىن چىققانلار 14 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قېتىمغا، چېگرادىن چىققان نۆۋەتچى ئاپتوبۇس 670 قېتىمغا يەتتى.
بۇ يىل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بۇ، چېگرا پورتلىرىدا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەندى.
قورغاس، ئالاتاۋ، باقتۇ، تايكېشكېن پورتلىرىنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، مۇخبىر پورتلار ئارىسىدا ئىقتىساد- سودا ئالاقىسىنىڭ قويۇقلاشقانلىقى، كىشىلەرنىڭ بېرىش- كېلىشىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدەك كاتتا مەنزىرىنى كۆردى.
جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلگەن چېگرا بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدا يىل بويى ئېچىلىدىغان دۆلەتنىڭ 1- دەرىجىلىك پورتىدىن 17سى بار، بۇ ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىش شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىشىشتىكى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى.
ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭ پورتلىرىدىن ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 9 مىليون 733 مىڭ توننا بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىلىنغىنى 1 مىليون 909 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئاشقان.
ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلدى
جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، پورتلار تېخىمۇ ئېغىر بولغان يولۇچى توشۇش، يۈك توشۇش ئىمپورت- ئېكسپورت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالماقتا.
ئىلگىرىكى ئىشلارنى تەھلىل قىلىپ، كەلگۈسىنى مۆلچەرلەپ، بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر ھەم پورت باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەرقايسى پورتلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، قاراتمىلىققا ئىگە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى.
ئالاتاۋدا، لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ- ئالاتاۋ بۆلىكىدە 2- لىنىيەنى كۆپەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى جىددىي ئالغا سىلجىتىلدى، قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئالاتاۋدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق يۆنىلىشنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ.
ئالاتاۋ تاشيول پورتىنىڭ قاتناش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش 2- قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىمۇ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئالاتاۋ تاشيول پورتىدا ئاپتوموبىل قاتنايدىغان يول چەكلىك بولۇش، يولۇچىلار ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى ئارىلاش كىرىپ- چىقىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تاشيول پورتىدا كۈنىگە 500 ئاپتوموبىلنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
تارباغاتاي ۋىلايىتىدە، G335 تاشيولى (تاچاكوۋ- دۆربىلجىن بۆلىكى)، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى تۈرى، چۆچەكتىن ئاياگۇزغىچە بولغان تۆمۈريولنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى قاتارلىقلار پۇختا ئالغا سىلجىتىلماقتا. باقتۇ پورتىغا تايىنىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش يىرىك پىلاندىن رېئاللىققا ئايلانماقتا.
ئەركەشتام پورتىدا جۇڭگو ۋە قىرغىزىستان شوپۇرلىرىنى قىيناۋاتقان «Z» خېتى شەكىللىك پورت تاشيولى كۆۋرۈك سېلىپ يولنى كېڭەيتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
تۇرپان- ئەركەشتام يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ۋە تورغات پورتىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر تاشيول ياسىلىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تورغات پورتى ھەمدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى چېگرا بويى تاشيولىنىڭ قاتناش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
بېيىش ئۈچۈن ئاۋۋال يول ياساش كېرەك. پورتلارنىڭ قاتناش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان تۈرلۈك قۇرۇلۇشلاردا قىزغىن قۇرۇلۇش قىلىنماقتا، بۇ تاشيول، تۆمۈريوللار كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئاساسلىق تورىنى بەرپا قىلىدۇ.
كەسىپلەر ماكانلىشىپ پورتتا يىلتىز تارتتى
پورت تىلغا ئېلىنسا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى تۇتقىلارنىڭ بىرى بولغان «پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. نوقۇل يولدىن پورت ئىقتىساد بەلبېغىغا ئايلىنىش كەسىپ تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.
شىنجاڭنىڭ پورت تەرەققىياتىغا نەزەر سالساق، بىر قانۇنىيەتنى بايقىغىلى بولىدۇ − تەرەققىياتى بىر قەدەر ياخشى بولغان پورت بار جايلارنىڭ ھەممىسىدە يۈرۈشلەشكەن ئېچىۋېتىش سۇپىسى بار.
ئالاتاۋ پورتىدا ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى بار، قورغاس پورتىدا قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى بار، باقتۇ پورتىدا شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى بار، ئەركەشتام پورتىدا قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئەركەشتام پورتى باغچە رايونى بار ...
بۇ باغچە رايونلىرى پورتقا تايىنىپ بارلىققا كەلگەن، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ توپلىشىشى سەۋەبىدىن گۈللەنگەن.
ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، ئالاتاۋ شەھىرى جىنشاخې ئۇنچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان داڭلىق كەسمە چۆپ «خامەيميەن» دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا چوڭقۇر ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇ ماركىدىكى كەسمە چۆپ قازاقىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان بۇغدايدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن.
بۇ يىل 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە، بۇ كارخانا قازاقىستان كارخانىسى بىلەن 50 مىڭ توننا بۇغداي ئىمپورت قىلىش توختامى ئىمزالىدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى بۇغداي تۆمۈريول تىرانسپورتى ئارقىلىق ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا يېتىپ كەلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا باجدىن خالىي پىششىقلاش كارخانىسىدىن 15ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتىسى ئىمپورت قىلىنغان ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش كارخانىسى.
بۇ دەل بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش ۋە ياغاچ ماتېرىياللارنى چوڭقۇر پىششىقلاش، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنى ئېكسپورت قىلىش ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا «ئىككىنى كىرگۈزۈپ، ئىككىنى چىقىرىدىغان» تۆت چوڭ كەسىپنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
قەشقەر ۋىلايىتى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، پورت ئىقتىسادى رايونى، ئىمپورت تاۋارلىرىنى يەرلىكتە پىششىقلاش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىششىقلاش بازىسى قۇرۇپ، پىششىقلاش سودىسى، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتماقتا.
ئېچىۋېتىش سۇپىسىغا تايىنىپ، كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تەرەققىيات پىكىر يولى نۇرغۇن جايدا ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈردى. پورت بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىدا ئۆزئارا تىرەك بولىدىغان، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەنمەكتە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)