ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
ۋاڭ گوشېڭ، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ لېي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 1- قېتىملىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى ۋە شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېما تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ خاۋ، دېڭ مىڭجياڭ ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شياۋ ۋېنجياۋ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىش ھەم تەركىبىدىكى خادىملار تەكلىپ لايىھەسى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2023- يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى» مۇھاكىمە قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 2023- يىللىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
ۋاڭ خاۋ، دېڭ مىڭجياڭ، شياۋ ۋېنجياۋ قاتارلىق ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇزاكىرە قىلدى. ئۇلار مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق خىزمىتى پۇختا، كۈچلۈك، مول ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپتۇ. كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، تەڭشەپ تەقسىملەپ پايدىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شورلۇق يەرلەرنى ئۆزگەرتىپ ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش، ۋادى ھالقىغان مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، سۇغىرىش بىلەن زەي چىقىرىشنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭى دەۋر كارىزى بەرپا قىلىش، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك سۇ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنى ئىلمىي دەلىللەشنى كۈچەيتىش، «سۇ كۆپەيتىش» يوللىرىنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە كېڭەيتىش، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن سۇ تىزگىنلەش، سۇ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېما تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن سۇ بايلىقىنى تەڭشەش- باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سۇ بايلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك، كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش تەڭشەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش، تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش تۈزۈلمە- مېخانىزمى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى قاپلىغان سۇ تورى ئەندىزىسى تېخى شەكىللەنمىدى، تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇ تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ تەرەققىياتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەشتىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش پىكىر يولىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنىڭ يىرىك ئەندىزىدىن تۈجۈپىلىشىش، ئىلمىيلىشىشكە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەن، ۋادى بىلەن رايون قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سۇ مول ۋە سۇ كەمچىل مەزگىللەردە ئۆزئارا تەڭشەپ ياردەم بېرىدىغان، كۆپ مەنبە بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋادى سۇ تورى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، سۇچىلىققا ئالاقىدار نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنچىكىلەشكەن، قېلىپلاشقان، قانۇنچىللاشقان باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي بولغان ۋادى، رايون سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، يەر ئۈستى سۈيىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئەڭ زور چەكتە ئۆستۈرۈپ، يەر ئاستى سۈيى زىيادە تارتىلغان رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكىدە چوڭقۇر قاتلاملىق سۇ تېجەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى دەل جايىدا تەڭشەپ تەقسىملەش، سۇغىرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق سۇغىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئۇل خاراكتېرلىك كاپالەت قۇرۇلۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ سۇ تورى رامكىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ئىقتىدارى ۋە سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دەريا- كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەريا- كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، دەريا- كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادەم بىلەن سۇنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
جاڭ جۇ، قادېن كەبىن، شۆ بىن، مەردان مۇقىيىت، ليۇ جيەنمىڭ، ليۇ شىنجيەن، دۇ خۇڭيەن، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئورۇن ۋە تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.