ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى
خې جۇڭيوۋ ئۆگىنىشكە قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.
خې جۇڭيوۋ كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى. جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باشتىن- ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك بېكىتكەن ئورنى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئىلمىي جاۋاب بەردى، ئۇ زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21- ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋرىمىزدىكى جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى، ئىلمىي سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىگىلەپ، «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» «14تە چىڭ تۇرۇش» «13 جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت» قاتارلىق يادرولۇق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىدىيەگە مۇجەسسەملەنگەن رەھبەرلىك ئۇسۇلى، ئىدىيەۋى ئۇسۇل، خىزمەت ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەتراپلىق ئىگىلەپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشكە سىجىل كۈچەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسېن، قادېن كەبىن كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.