ما شىڭرۇي بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 4- ئاينىڭ 27- كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتكە كەلگەن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى باش كونسۇللارنىڭ شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، نۇرغۇن زېھنىي كۈچى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك، زاپاس كۈچى يېتەرلىك، ھەر مىللەت خەلق رەئىس شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى بويلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقماقتا. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى بەزى كۈچلەر شىنجاڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تارقىتىپ، شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بوھتان چاپلاپ، بار كۈچى بىلەن جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلىدى. ھەرقايسى باش كونسۇللار بۇ قېتىمقى زىيارەتتە جۇڭگو شىنجاڭدا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقى، كىشىلىك ھوقۇققا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق ھەقىقىي ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدىڭلار، ھەق- ناھەق، توغرا- خاتانى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. جۇڭگو ۋە ھەرقايسى باش كونسۇللار ۋەكىللىك قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جەھەتتە ئىدىيەسى ئوخشاش، كۆپچىلىكنىڭ ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، ھەقىقىي، گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىكنىڭ دائىم شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇشىنى، كۆزدىن كەچۈرۈشىنى، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز. شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش قەدىمى بارغانسېرى تېزلىشىدۇ، بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا دوستلۇقنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىمىز.
بىرازىلىيە، نېپال، ۋىيېتنام، كامبودژا، ھىندونېزىيە، تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى سۆزىدە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن بىرنەچچە كۈندە ئۈرۈمچى، قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، خاس كەسىپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تىنچ- ئىناق ئىكەنلىكى، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، غەربتىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆردۇق، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق. شىنجاڭ مەسىلىسى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، شىنجاڭغا ئالاقىدار قارالمىلارنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز. شىنجاڭ جۇڭگونى ئاسىيا- ياۋروپا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈن، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولىمىز.
چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن ھەم ئىران، سېنېگال، ئېكۋادور، بىرما، تايلاند، ئۇگاندا، پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك، چۇڭچىڭ شەھەرلىك، سىچۇەن ئۆلكىلىك تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.