ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شياڭگاڭدا زىيارەتتە بولدى
ئەركىن تۇنىياز، جېڭ يەنشيۇڭ، لى جياچاۋ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى
4- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شياڭگاڭدا زىيارەتتە بولۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ يەنشيۇڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ بىلەن ئايرىم- ئايرىم كۆرۈشتى، «شىنجاڭ ياخشى جاي، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىنى يارىتايلى» تېمىسىدىكى شىنجاڭ − شياڭگاڭ ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش، تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
جېڭ يەنشيۇڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە تۇتقان ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى نەزەردە تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئەۋزەل يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭغا سىجىل ئەھمىيەت بېرىپ ۋە قوللاپ، شياڭگاڭنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن خەلقئارانى باغلاپ تۇرىدىغان سۇپا بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە خاس كەسىپلىرىنى تەشۋىق قىلىشى، تونۇشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىگە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جېڭ يەنشيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسى باشتىن- ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، شىنجاڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھەمكارلىق مۇددىئانامىسىنى پائال قوللايدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىدۇ، كاپالەتلەندۈرىدۇ، تىرىشىپ شياڭگاڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولىدۇ، ئىككى جاينىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشىنى، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش داۋامىدا شىنجاڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، ئىككى جاينىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئىقتىساد- سودا ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت- ساياھەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇشىنى، ئاۋات شياڭگاڭنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. لى جياچاۋ مۇنداق بىلدۈردى: شياڭگاڭ ئىچكى رايونلار بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، دۇنيا بىلەنمۇ قايتىدىن تۇتاشتى، ھازىر دەل شياڭگاڭنىڭ «كىرگۈزۈش، چىقىرىش»تىكى قوش يۆنىلىشلىك سۇپىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئەڭ ياخشى پەيت. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ شياڭگاڭ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، شىنجاڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
شۇ كۈنى، ۋەكىللەر ئۆمىكى شياڭگاڭدا «شىنجاڭ- شياڭگاڭ ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى» ئۆتكۈزدى، ئەركىن تۇنىياز تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىدە غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتەك ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ؛ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى؛ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، مەدەنىيىتى كۆپ مەنبەلىك بىرلەشكەن، نامى يىراق- يېقىنغا تارالغان ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى، مېۋە- چېۋە ماكانى. شىنجاڭ ياخشى جاي، كارخانىچى دوستلارنى شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە كېڭىشىش، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز، ھەر ساھەدىكى مېھمانلار، دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىشىنى قارشى ئالىمىز. ئالماشتۇرۇش، تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئىككى جايدىكى ئىقتىساد- سودا، مەدەنىيەت- ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق تارماقلار ۋە ئالاقىدار كارخانىلار نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالىدى.
ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە شياڭگاڭ ئىلىم- پەن باغچىسى، شياڭگاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى، شياڭگاڭ گۇگۇڭ مەدەنىيەت مۇزېيى ھەمدە خۇارۇن (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى قاتارلىق جايلارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، ئالىي مائارىپ ھەمدە كارخانىلارنىڭ تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭدىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم كارخانىچىلار، ئالىي مەكتەپ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.
خې جىڭ، چيۇ يىڭخۇا، ئېلزات ئەخمەتجان ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.