قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك
21:37:36 2023-04-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 نۇرلان ئەبىلمەجىن قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

 قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يىڭچۇن)  4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن قەشقەر ۋىلايىتىگە كېلىپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن يۆنىلىش تېپىپ، پىكىر يولى تېپىپ، تەدبىر تېپىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تېخىمۇ زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 نۇرلان ئەبىلمەجىن مارالبېشى ناھىيەسىدىكى شامال دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 13- ئورمانچىلىق مەيدانى بەنىگە كېلىپ نەق مەيداندا ئورمان چارلاپ، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بايلىقنى قوغداش، كېسەللىك- ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن چارلاش- قوغداش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنى يوقلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسپىي ئىقتىدارنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، چىڭىتىپ، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۈندىلىك قوغداش، چارلاش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچ قوشۇپ، قوغداش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ياخشى ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلكى ۋە ئورمان بايلىقى بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

 مارالبېشى ناھىيەسى شىنجاڭدىكى كېۋەز كۆپ تېرىلىدىغان ناھىيە. نۇرلان ئەبىلمەجىن بۇ ناھىيەدىكى سانائەت باغچە رايونىغا كېلىپ، پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، ئىلتىماس- تەلەپ، قىيىنچىلىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلەر توپى قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەھسۇلات، تېخنىكا، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىنى رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

 مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىدا، نۇرلان ئەبىلمەجىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، كەنتلەردە ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ۋە دىنىي زاتلارنى يوقلىدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا- كەنت كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، نۇرلان ئەبىلمەجىن يەنە قەشقەر، يېڭىشەھەر، كوناشەھەر قاتارلىق شەھەر، ناھىيەلەرگە بېرىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى خىزمەت ئىشخانىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇلى، يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125