بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى
21:44:13 2023-04-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭدىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش «تەييارلىقى»نى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي ئىشلىدى

 بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

 «<ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە> رايونىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنى تۈزەشنىڭ قىيىن نۇقتىسى نەدە؟ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ باسقۇچلۇق نىشانى نېمە؟ بۆسۈش ئېغىزى قەيەردە؟...» شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە- مۇھىت نازارىتى «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونىغا بېرىپ، كارخانىلارغا، يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سۆھبەتلىشىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئەھۋالنى تەلتۆكۈس ئېنىقلاپ، تۈگۈننى دەل جايىدا تېپىپ چىقتى، نىشانلىق ھالدا بۇلغىنىشنى تۈزەش نىشانىنى ئېنىق بېكىتتى.

 پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورۇنلارنىڭ فۇنكسىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزمۇنىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش «تاپشۇرۇق»ىنى چوڭقۇرلاپ ئىشلىدى، ئەمەلىي ئىشلىدى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەش، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، مەسىلىنى كەڭ كۆلەمدە رەتلەش، قىيىن مەسىلىلەرنى كەڭ كۆلەمدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 «<ئۆزىنى كۆرسىتىش شەكلى>دىكى، <تەشتەك مەنزىرىسى شەكلى>دىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قىلماسلىق» «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش»... ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە- مۇھىت نازارىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇردى، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقتى، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نازارەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دەي ۋۇجۈن مۇنداق بىلدۈردى: «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، جەزمەن زىددىيەتلەرگە دادىللىق بىلەن بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۆتكەلگە دادىل ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، ۋەزىپە تىزىملىكى تۈزۈپ، بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىشىمىز كېرەك.

 «توغرا تەدبىر بەلگىلەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى شىنجاڭنىڭ قاتناش- تىرانسپورت تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، بىرگە بىر زىيارەت قىلىش، نەق مەيداندا ۋە نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تارماق ھالقىپ بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «بىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا سىستېمىلىق، ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئالدىن كۆرەرلىك تەپەككۇرىنى تەتبىقلاپ، ئوخشاش بولمىغان تېمىلارغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق، مەسىلەن، پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مۇرەككەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتا تەدبىر خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئەھۋاللارغا قارىتا ئالدىن كۆرەرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مۇھىم، زور خىزمەت تۈرلىرىگە قارىتا ئىز قوغلاش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن تەدبىر بەلگىلەش ئېھتىياجىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق».

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا جەزمەن مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شەكلىنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشتىكى ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. نازارەت رەھبەرلىرى قوشۇننى يېتەكلەپ خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قارىتا كونكرېت تەكلىپ بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنىڭ شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

 شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىيات بازىسى) پارتىيە كومىتېتى بەنزىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇردى. بۇ يىلدىن بۇيان، نەشرىيات ساھەسى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە قارىتا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىيات بازىسى) «نەشرىياتچىلىقنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى»نى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ يولغا قويدى، بولۇپمۇ ھازىر نەشرىيات ساھەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، مەخسۇس تۈر تېمىسى بېكىتىپ، نەشرىيات پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ باشچىلىقىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ كۆلەمدە، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پەرقلەرنى تېپىپ چىقتى، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتتى، ئىقتىدارنى ئۆستۈردى. 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، نەشرىيات پارتىيە كومىتېتى بەنزىسى قوشۇننى يېتەكلەپ بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، پائال تۈردە نەشرىياتچىلىق بىرىنچى سېپىدىكى تەھرىرلەپ بېكىتكۈچىلەر، ئاپتورلار، تەرجىمانلار، ئوقۇرمەنلەر بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە ئەھۋالنى ئېنىقلىدى، پىكىر يولىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقتى، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي يولغا قويدى.

 (مۇخبىر شيې خۇيبيەن، قاتناشقان مۇخبىرلار ياۋ تۇڭ، لۇ فېڭباۋ، لى شىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ شەنشەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125