زاكاز كۆپەيتىش، بازار كېڭەيتىش ئۈرۈمچى تاشقى سودىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى
22:37:38 2023-04-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

4- ئاينىڭ 26- كۈنى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پاختا يىغىش ماشىنىسىنى قۇراشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

 مۇھەررىردىن

 يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېقىندا كەينى- كەينىدىن ئۈرۈمچى- قاراماي- سانجى، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەق مەيدان يىغىنىنى ئېچىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈندىن باشلاپ، گېزىتىمىز «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» ئىستونىنى ئېچىپ، تۆت بۆلەك رايوندا بىرىنچى سەپنى چوڭقۇر خەۋەر قىلىش ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىۋاتقانلىقى، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت جانلىق ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن

 4- ئاينىڭ 27- كۈنى، مۇخبىر «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇ باش تېمىلىق زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىگە كەلدى، شىنجاڭ ليەنخۇي تۇڭدا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى كەن جيەنخۇا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «بۇ يىل چەت ئەللىك خېرىدارلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ، نۆۋەتتە بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خېرىدارلارغا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 300گە يېقىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئەۋەتتۇق» دېدى كەن جيەنخۇا.

 بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاشقى سودىسىدا ياخشى باشلىنىش بولغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۈرۈمچى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى سودا كەسىپ ھالىتى، مۇلازىمىتى، ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، تاشقى سودىدا مىقدارنىڭ تېز ئېشىشى ۋە سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ. 1- پەسىلدە، ئۈرۈمچىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى 17 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.4 ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

 كۆزنى چاقنىتىدىغان سانلارنىڭ ئارقىسىدا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاكتىپ سىگنالى بار.

 شىنجاڭ ليەنخۇي تۇڭدا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسىپ مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئۇنىڭ تايانغىنى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزى سۇپىسىنىڭ كۈچلۈك بولغان يىغىپ گۇرۇپپىلاش، يىغىپ توشۇشنى تەشكىللەش ئىقتىدارى بولدى. قۇرۇقلۇق پورتى رايونى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىنىڭ مال توپلاش رايونىدا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن يۈك ساندۇقلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ئالدى تەرەپتىكى كىران توشۇلىدىغان يۈك ساندۇقلىرىنى شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان يۈك ساندۇقى ئاپتوموبىللىرىغا قاچىلاپ تېز سۈرئەتتە بەلگىلەنگەن ئورۇنغا توشۇپ، «تاشيولدىن ھاۋاغا ئۇدۇللاشتۇرۇش» «تاشيولدىن تاشيولغا ئۇدۇللاشتۇرۇش» «تاشيولدىن تۆمۈريولغا ئالمىشىش» قاتارلىق كۆپ خىل توشۇش، ئالماشتۇرۇش، يۆتكەشنى بىر پونكىت شەكلىدە تاماملايدۇ.

 «بۇ بىزنىڭ مال توشۇش ئۈنۈمىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخىمىزنى تۆۋەنلەتتى.» كەن جيەنخۇا مۇنداق دېدى: ماللارنى تېز سۈرئەتتە يىغىش كارخانىمىزنىڭ ئومۇمىي مال سېتىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

 «1- پەسىلدە، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ ئېكسپورت مال مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتناش سانى شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى، جەمئىي قاتنىغان جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 285 قېتىم بولدى؛ خەلقئارا تاشيولدا جەمئىي 1354 ئاپتوموبىل يولغا سېلىنىپ، <تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش> ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇڭ خېخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇرۇقلۇق پورتى رايونى «مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاش» ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەيدان- بېكەتلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەشغۇلات تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىجىل ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قويۇپ بېرىدۇ.

 ئۈرۈمچى شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىدە، نۇرغۇن ئىستېمالچى بۇ يەرگە كېلىپ دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلتۈرۈلگەن 1000 خىلدىن ئارتۇق چېگرا ھالقىپ ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتنى تاللاپ سېتىۋالدى.

 «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم باجدىن خالىي پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا كېلىپ ئايلىنىشىم، ھازىر چەت ئەل تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىشنىڭ بۇنچە قولايلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.» خېرىدار لى يەن گىرىم بۇيۇملىرى ۋە ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالدى، نەق مەيداندا ھېس قىلىش، كىچىك پىروگراممىدا زاكاز چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئىككى- ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ ئۆيىدىلا تېز يوللانما ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن باجدىن خالىي تاۋارلارنى تاپشۇرۇۋالالايدۇ. 

 يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتور. ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا تايىنىپ، شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى شىنجاڭ بويىچە ھەممىدىن ئاۋۋال باجدىن خالىي ئىسكىلات ۋە ئەمەلىي دۇكان بىرلەشتۈرۈلگەن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا «ئالدى دۇكان، كەينى ئىسكىلات + كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ھېس قىلىش»تىن ئىبارەت يېڭى مەنزىرىنى بەرپا قىلدى ھەم «تور سىرتىدىكى دۇكان + تور سودا شەھەرچىسى» چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە يېڭىچە پارچە سېتىش تىجارىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

 «بۇ بىر خىل يېپيېڭى سودا ئىستېمال ئەندىزىسى، بۇلتۇر 6- ئايدا تىجارەت باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە جەمئىي 6 مىليون 200 مىڭ يۈەن سودا سوممىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، خېرىدارلار ئېقىمى 120 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.» شىنجاڭ سىلۇ شىدامېن پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاۋ جىڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز چەت ئەلنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىش ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيدۇ.

 سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى ئىقتىساد كۆزنىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى جەھەتتىكى توپلاشتۇرۇش رولى ۋە تاشما ئېففېكتى يەنىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. 1- پەسىلدە، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت كۆلىمى ۋە ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئىچىدە قوش بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، نۆۋەتتە، جەمئىي 39 كارخانا ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تىزىمغا ئالدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 15 كارخانا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى قانات يايدۇردى.

 كۆپ مەنبەلەشكەن خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلىش ئۈرۈمچىنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا. بۇ يىل 1- پەسىلدە، ئۈرۈمچىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورتىنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك بولدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-  ئېكسپورت قىممىتى %71.8 ئېشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتىنىڭ %72.9ىنى ئىگىلىدى.

 تاشقى ئىقتىساد، تاشقى سودىنى يادرولۇق كەسىپ قىلغان يېما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ھازىر پائال سىرتقا يۈزلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيەدە تېخىمۇ كەڭ بازار ئىزدىمەكتە.

 «بۇ يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ تاشقى سودىمىزنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولدى، زاكاز ئۈزۈلمىدى، 1- پەسىلدىلا ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل 10 مىڭدىن ئاشتى.» يېما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى جاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: قاچىلاش ماشىنىسى، ئاپتوماتىك يۈك چۈشۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە كىران قاتارلىقلاردىن باشقا، بۇ يىلقى زاكازلار ئىچىدە، چوڭ تىپتىكى ماشىنا- ئۈسكۈنە، يول ياساش ئۈسكۈنىسى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ھەمدە كىيىم- كېچەك، تۈرلۈك مال قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش مىقدارىمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاشتى.

 پۈتۈن يەرشارىدا زاكازنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، يېما گۇرۇھى بۇلتۇردىن باشلاپ تىل بىلىدىغان، ماھارەت بىلىدىغان تاشقى سودا سەرخىللىرىنى سىجىل، ئۈزلۈكسىز تۈردە «دېڭىز سەپىرىگە چىقىپ» تور سېلىپ نۇقتا تەسىس قىلىشقا ئەۋەتتى. «<بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى، ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسىغا پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ بۇ يىللىق تاشقى سودا تەرەققىياتىغا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچىمىز بار» دېدى جاڭ تاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125