«يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش بۆلىكى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى (مۇخبىر جاڭ يۈنمېي) باش تېما تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، دەل جايىدا ئىگىلەش ئۈچۈن، 4- ئاينىڭ 28- كۈنى، «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى شى يۈلۇڭنى خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش بۆلىكى بويىچە مەخسۇس تېمىدا 3- قېتىملىق لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت رىياسەتچىلىك قىلدى.
لېكسىيەدە «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش» باش تېما قىلىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيە زىچ چۆرىدىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە ئىكەنلىكىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلدى. لېكسىيە ھەم نەزەرىيەۋى يۈكسەكلىككە، ھەم ئەمەلىيەت چوڭقۇرلۇقىغا ئىگە بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى.
يۈسۈپجان مەمەت رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش تېما تەربىيەسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ پارتىيە ئەزالىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى دەل جايىدا، پۇختا ئىگىلەش كېرەك؛ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)