− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە③
شىن شىجيەن
پارتىيەمىز باشتىن- ئاخىر نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت جەريانىدىكى «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەسلىك»كە قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلگەن. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا، جەزمەن ئۆگىنىش داۋامىدا ئىشلەش، ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ، ھەم ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلى، ھەم ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى. شىنجاڭدىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى تەڭ يۈكسەلدۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.
ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەش ئىككىسى بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، «ئۆگىنىش»- ئاساس، ئالدىنقى شەرت بولۇپ، ئۆگىنىشنىڭ قانداق بولۇشى ئىشلەشنىڭ يولى، ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ، ئىشلەشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ «ئىشلەش»- ئاچقۇچ، مەقسەت بولۇپ، ئىشلەشنىڭ قانداق بولۇشى ئۆگىنىشنىڭ نەتىجىسى، ئۈنۈمىنى تەكشۈرىدۇ، ئۆگىنىشنىڭ سەۋىيەسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئەگەر پەقەت ئۆگىنىپلا ئىشلىمىگەندە، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش «قۇرۇق گەپ ساتقانلىق» بولۇپ قالىدۇ؛ ئەگەر پەقەت ئىشلەپلا ئۆگەنمىگەندە، ئاسانلا «تەجرىبىچىلىك»نى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ، يەنە بىلىم، ئىقتىدار يېتىشمەسلىك ۋەھىمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆگىنىش داۋامىدا ئىشلەش، ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرغاندىلا، «ئۆگىنىش»تىكى ئويلىغان- ئېرىشكەنلەرنى خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشنىڭ پۇختا ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، ئىشلەش پىكىر يولى تېخىمۇ روشەنلىشىپ، ئۇسۇلى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىش، ئۆگىنىش داۋامىدا ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىدىكى مۇقەررەر يول. يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى مەزگىلىدە، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۆگىنىش ئىستىلى توغرا بولمىغان بەزى كىشىلەرنى ماركسىزمنىڭ «يا ئوقى»نى قولىغا ئېلىۋېلىپ تەكرار سىلاپ تۇرۇپ، توختىماي «ياخشى ئوق ئىكەن! ياخشى ئوق ئىكەن!» دەپ ماختىغىنى بىلەن، ئەمما ئوقنى ئېتىشنى خالىمايدۇ، دەپ تەنقىدلىگەنىدى. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيەلىك كادىرلار ھەرگىز «ئوق»نى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋالماي، بەلكى، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن ئىبارەت «ئوق»نى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىن ئىبارەت «نىشان»غا قارىتىپ ئېتىپ، «ئىشلەش»نى ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى قىلىشى كېرەك.
ئۆگىنىش داۋامىدا ئىشلەشتە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ»قا ئايلاندۇرۇش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى پۈتۈنلەي تەتبىقلاشتا. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى پائال بەرپا قىلىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل تۈرتكە بولۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى مول ماركسىزملىق ئىدىيەۋى ئۇسۇل ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلىگە تەتبىقلاپ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن يۆنىلىش تېپىپ، پىكىر يولى تېپىپ، تەدبىر تېپىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان كونكرېت پىكىر يولى ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىشتە، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى نىشان قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆگىنىش، ئاممىدىن ئۆگىنىش كېرەك. «ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ يولۇققانلارنىڭ ھەممىسى مەسىلە، تۆۋەنگە چۈشۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى چارە.» كىتابتىن ئۆگىنىش ئاساسىدا، ئىشخانىنى بىرىنچى سەپكە «كۆچۈرۈپ»، تۈر قۇرۇلۇشى، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە «كۆچۈرۈپ»، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك، بۇ، توغرا ھەم ئېنىق كۆز قاراشقا ئېرىشىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مەنبە. بۇنىڭدىن سىرت، قابىللار خەلق ئارىسىدا بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار يەنە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇقرالارغا يېقىنلىشىپ، يۈزتۇرا بولغان ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىقتىدارلىقلاردىن تەلىم ئېلىپ، ئاقىللاردىن تەدبىر سوراپ، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىدىن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.
ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى تاماملاشتىكى مۇھىم مېتودولوگىيە بولۇپ، پەقەت ئۆگىنىش داۋامىدا ئىشلەش، ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرغاندىلا، ئۈزلۈكسىز تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ، پارتىيەلىك كادىرلارمۇ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسقا يولۇققاندا سالماق تاقابىل تۇرالايدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)