دوۋيىندا باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى رۇخسەتسىز تارقىتىش قانۇنغا خىلاپمۇ؟
18:40:44 2023-05-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى


 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى نىجات نىياز

 «مېنىڭ دوۋيىندىكى فىلىملىرىمنى تارقاتساڭلار بولمايدۇ، شۇنداقلا مېنىڭ نامىمنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىش ياكى مال سېتىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانساڭلار بولمايدۇ». مانا بۇ يېقىندا دوۋيىن سۇپىسىدىكى 257 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىسى بار، توردا ئىزچىل ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك مەزمۇنلارنى تارقىتىۋاتقان، ھەر خىل تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ، ئىلمىي يەكۈن چىقىرىش ئارقىلىق، تورداشلارغا ئىلمىي ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان مۇتەللىپنىڭ ئۆز فىلىمىنى رۇخسەتسىز تارقاتماسلىق توغرىسىدا كەڭ تورداشلارغا سۆزلىگەن سىن فىلىمىدىكى مەزمۇن. ئۇنداقتا، مۇتەللىپنىڭ بۇ تەلىپى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلامدۇ؟ دوۋيىن سۇپىسىدا باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى رۇخسەتسىز تارقىتىش قانۇنغا خىلاپمۇ؟  

 بىز ھەر كۈنى دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىق قىسقا سىن سۇپىلىرىدا ۋە ۋېيشىن سىن قانىلىدا نۇرغۇن قىسقا سىننى كۆرۈپ تۇرىمىز، ياقتۇرغان سىنلار بولسا يۈرەك بېرىپ ساقلىۋالىمىز ۋە شۇ سىندىن پايدىلىنىمىز، ھەتتا بەزى سىنلارنى ئۆز نومۇرىمىزدا قايتىدىن تارقىتىمىز، نۇرغۇنلىغانلىرىمىز «باشقىلار تارقاتقان سىننى كۆچۈرۈپ تارقاتساق ھېچنېمە بولمايدۇ ۋە ياكى مەن كۆچۈرۈپ تارقاتسام كىم بىلەتتى»، دەپ قارايمىز، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس.

  ئەگەر ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلاردا تارقاتسا ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ، قىسقا سىننىڭ ئەسەر ھوقۇقى سىننىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى بويىچە قوغدالمايدۇ، قىسقا سىن گەرچە نەچچە سېكۇنتتىن نەچچە ئون سېكۇنتقىچە بولسىمۇ، ئوخشاشلا باشقىلار ئىجاد قىلغان ئەسەرگە تەۋە بولۇپ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئەسىرىنى ئېلان قىلغان بولسا؛ ئىجادىيەتكە قاتناشماي، شەخسىي نام- مەنپەئەتنى كۆزلەپ، باشقىلارنىڭ ئەسىرىگە ئىمزا قويغان بولسا؛ باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى بۇرمىلىغان، ئۆزگەرتكەن بولسا؛ باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوغرىلىۋالغان بولسا؛ ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئەسەرنى كۆرگەزمە قىلغان، سۈرەتكە ئېلىش ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىشلەتكەن ياكى ئۆزگەرتىپ تۈزىگەن بولسا؛ تەرجىمە قىلىش، ئىزاھلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەتكەن بولسا؛ ئەسەر ھوقۇقى ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق- مەنپەئەتكە دەخلى- تەرۇز قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار شەكىللەنگەن بولسا ئەھۋالغا قاراپ دەخلى- تەرۇزنى توختىتىش، تەسىرىنى تۈگىتىش، ناماقۇل بولۇش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

 «ۋاڭخۇڭ»لارنى مىسالغا ئالساق، نۇرغۇن «ۋاڭخۇڭ» ئۆز سىنلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كۆپلەپ تارقىتىلىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېخىمۇ تونۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن، مۇتەللىپكە ئوخشاش كەسپىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۆز ئەسەرلىرىنى باشقىلار كۆچۈرۈپ، قايتا تەھرىرلەپ تارقاتقاندا، سىننىڭ تولۇق بولماسلىقى سەۋەبلىك بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىپ كېتىپ، تورداشلارغا بىھۇدە ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ، ئۇلاردىكى شەخسىيەتچىلىك ئىدىيەسى بولماستىن، بەلكى كۆپچىلىككە مەسئۇل بولۇشتۇر. 

 ئۆتكەن يىلى مەن مەلۇم بىر داشۆنىڭ بىر پىروفېسسورى بىلەن سۆھبەتلىشىپ قالدىم. بۇ پىروفېسسور ئىقتىسادشۇناس بولۇپ، ئادەتتە مەكتەپتە دەرس بەرگەندىن سىرت، تەكلىپكە بىنائەن ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىچىلارغىمۇ ئىقتىساد ئىلمى بويىچە دەرس بېرەتتى. بۇ پىروفېسسورنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزى سۆزلىگەن دەرسلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن سىنغا ئېلىنىپ تارقىتىلىشىنى پەقەتلا خالىمايدىكەن، مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسام، ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭمۇ سىن تارتىشقا قوشۇلغانلىقىنى، لېكىن سىن تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن قىسقا سىن شەكلىدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ سۆزلىگەن دەرس مەزمۇنىنىڭ بىر قىسقا سىن ئارقىلىق تولۇق ئىپادىلىنىپ چىقمايدىغانلىقىنى، ئاشۇ قالايمىقان تەھرىرلەنگەن، بېشى- ئايىغى يوق قىسقا سىنلار توردا كۆپلەپ تارقىلىپ، پىروفېسسورنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان نۇقتىئىنەزىرىنىڭ بۇرمىلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئوبرازىغىمۇ تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزى دەرس سۆزلىگەن نەق مەيداندا سىنغا ئېلىشنى قەتئىي رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

 دېمىسىمۇ بىز بەزىدە بېشى- ئايىغى يوق، نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان ياكى مەلۇم بىر مەقسەتتە باشقىلار تەرىپىدىن تەھرىرلىنىپ قايتا تارقىتىلغان قىسقا سىنلارنى ئۇچرىتىپ قالىمىز. مۇشۇ سىنلارنىڭ بەزىلىرى شۇ سىننىڭ ئۆز ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ تارقىتىلغان سىن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋاللارغا نىسبەتەن دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق جازا بەلگىلىمىلىرى بار.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، باشقىلار جاپا تارتىپ ئىشلىگەن سىننى ھېچقانداق ئىجازەتسىزلا ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋالمايلى، شۇنداقلا ئۇنى مەستانە يىغىشىمىزدىكى، پۇل تېپىشىمىزدىكى ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇۋالمايلى. ناۋادا باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى رۇخسەتسىز تارقىتىپ كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالسا، نەس باسىدىغىنى يەنىلا ئۆزىمىز بولۇپ قالىمىز.

 تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى چېكىپ، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىپ، تۆلەم تۆلىگەن خەۋەرنى كۆرۈپ بېقىڭ:

 باشقىلار تەرجىمە قىلغان ئەسەرنى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ تارقاتقاچقا، سوت مەھكىمىسى 120 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125