ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
20:47:20 2023-05-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى 

  ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە چېگرا رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى 

  ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 5- ئاينىڭ 4- كۈنى خەۋىرى  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا 4- ئاينىڭ 28- كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى تەبرىكلىگەنلىكى، ھال سورىغانلىقىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، يېشىل كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمىگە ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى- تەلىپىگە تېزدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىدا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى پائال بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، ئەۋزەل ساھەلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىش، كەمتۈك ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، سانائەتتە ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا- كەنت خاس كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال بازىرىنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇش كېرەك.

 سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىم ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار ئىشەنچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجىنىڭ كەڭ ئەمگەكچى ئامما، ياشلار توپىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ياشلارنىڭ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشىگە، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو بىلەن دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ھەمكارلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەم تەشۋىقات ھەپتىلىكى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىگە ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى پەن- تېخنىكا كىچىك ھويلىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشكە ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى مۇھاكىمە قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا 1- پەسىلدە ياخشى باشلىنىش بولدى، لېكىن چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىلىرى يەنىلا گەۋدىلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى كەسىپ تەرەققىياتى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۇل ئەسلىھە، تىجارەت- سودا مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش، كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش، پەن- مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى تىرىكى، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئالاقىدار يىرىك پىلانى مۇھاكىمە قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى، چېگرا رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسەت ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا رايونلارنىڭ شەھەر- بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەسلىھە مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كەسىپلەرنى كۆتۈرۈش، نوپۇسنى توپلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېشىل كانچىلىق، پىششىقلاش، ياسىمىچىلىق، خاس ساياھەت قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، رايونلار تەرەققىياتى ۋە چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر تۈركۈم كەسىپ تۈرلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش تەكىتلەندى.

 يىغىندا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ يېشىل كىرېمنىينى ئاساس قىلغان تۈۋرۈك كەسىپلىرىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە ئالاقىدار دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما، تېجەشلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل كىرېمنىينى ئاساس قىلغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش تەكىتلەندى.

 يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېندا زىيارەتتە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىپ، زىيارەت نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، «كىرگۈزۈش» «چىقىرىش» خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئىچكى- تاشقى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىگە تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇش تەكىتلەندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125