− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە ④
شىن شىجيەن
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى. توغرا تەدبىر بەلگىلەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشمۇ ئوخشاشلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭدىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ پىكىر يولى ۋە چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە ئاساس سالدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي خىزمەت ئۇسۇلى، لېكىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا قارىغۇلارچە ئىش قىلىشقا، بىردە بۇ ئىشنى قىلىش، بىردە ئۇ ئىشنى قىلىشقا بولمايدۇ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئاندىن نىشانلىق ئىش كۆرگىلى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتە، مەسىلە يۆنىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى تۇتۇش كېرەك. مەسىلە − دەۋرنىڭ ساداسى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ تۈپ مەقسىتى مەسىلىنى ھەل قىلىش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلار ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا دائىر 12 جەھەتتىكى مەزمۇننى رەتلەپ چىقتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ 20 جەھەتتىكى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى ئېنىق بېكىتتى. بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئۇسۇل توغرا بولمىسا بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق خىيال قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، جەزمەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ مەسىلە، قىيىنچىلىق كۆپ، ئاممىنىڭ پىكرى مەركەزلەشكەن، خىزمەتتە ۋەزىيەت يارىتالمىغان جايلار ۋە ئورۇنلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ رايىنى ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدىكى توسۇق نۇقتا، تىنما نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتە، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. «يۇقىرىدىكىلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلسە ياخشى ئىدارە قىلالايدۇ، تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىسە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ.» تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ قىممىتى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىنى تېپىشتا بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيا ئەھۋالىنى ئېنىق تونۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشتە. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش بىر خىل خىزمەت ئىستىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە، يۈزەكى كۆرۈش، يۈزەكى ئايلىنىش، يۈزەكى ئىش قىلىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىدا «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاسىتە»نى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا ئېرىشىش كېرەك. چوڭقۇر بولۇش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىنچىكە بولۇش، دەل جايىدا بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇشقا ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى ئىگىلەپ، ئەھۋالنى ھەقىقىي تۈردە پۇختا، تولۇق ئىگىلەش كېرەك. ئەمەلىي ئەھۋالنى بەش قولدەك بىلىپ كۆڭۈلدە سان بولغاندىلا، ئاندىن كېسەلگە قاراپ دورا بەرگىلى، نىشانلىق ئىش كۆرگىلى بولىدۇ؛ چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىي تەدبىر قوللانغىلى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتە، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بولسا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى زۆرۈر دەرسلىك، ئاساسىي ماھارەت. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەش كېرەك، شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ قاراتمىلىققا ئىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «تەكشۈرۈش»تە ئۈنۈمگە ئېرىشىش، «تەتقىق قىلىش»تا نەتىجىگە ئېرىشىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە پىكىر يولىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۇسۇلنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈش كېرەك.
ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇش خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى مېتودولوگىيە. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇش بىزنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلاپ شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۈنۈم يارىتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە پايدىلىق.