400 مىڭ تۇياق! دەرىجىدىن تاشقىرى ئاۋخۇ قويى باقمىچىلىق بازىسى زادى قانداق؟
12:04:17 2023-05-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇ جيەنخۈي، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۆ) «تېز كېلىپ قاراڭ، ئاۋخۇ قويى تۆت كېزەكلەپتۇ، بۇنداق ئەھۋال بەك ئاز ئۇچرايدۇ.» 5- ئاينىڭ 5- كۈنى،  لوپنۇر ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ چياڭدۇ تيەنباۋ قويچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 400 مىڭ تۇياق قوي باقمىچىلىق بازىسىدا، فېرما باشلىقى ئەكبەر راخمان  پەرۋىش خادىملىرى بىلەن بىلل، يېڭىدىن تۇغۇلغان تۆت كېزەك ئاۋخۇ قوزىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى.

 بۇ باقمىچىلىق بازىسىدا بېقىلىۋاتقان ئاۋخۇ قويى سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن ئاۋسترالىيە ئاق نەسىللىك قوچقىرىنى ئاتىلىق، خۇياڭ قويىنى ئانىلىق قىلىپ شالغۇتلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرۈلگەن نەسىل بولۇپ، ئۇ خۇياڭ قويىدەك كۆپ تۆللەيدىغان ھەم ئاۋسترالىيە ئاق نەسىللىك قوچقىرىدەك گۆشى كۆپ چىقىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. 

 5- ئاينىڭ 5- كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ چياڭدۇ تيەنباۋ قويچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 400 مىڭ تۇياق قوي بېقىش بازىسىدىكى قوي قوتىنىدا، باقمىچى تولۇق ئاپتوماتىك يەم بېرىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ قويلارغا يەم- خەشەك بەرمەكتە. ۋاڭ شۆ فوتوسى

 «تۆت كېزەكلەش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، نۆۋەتتە تۆت قوزىنىڭ ئۆسۈشى ياخشى، بىز ئۇلارغا ئالاھىدە ياسالغان يەم تەييارلىدۇق». ئەكبەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بازىدىكى ئوخشاش بولمىغان ياش، ئوخشاش بولمىغان تۆللەش ھالىتىدىكى قويلارغا بېرىلىدىغان يەم- خەشەكنىڭ رېتسېپى ئوخشاش بولمايدۇ. تۆللەشنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ساغلىقلارنىڭ يەم- خەشىكى ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى قىلىپ تەڭشەلسە، ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ساغلىققا بېدە، قارا شېكەر قاتارلىق يەم- خەشەكلەر قوشۇلسا، ساغلىقنىڭ ساغلاملىقى ۋە قوزىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ».

 «ساغلىق، قوزىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى»دا تۆللەش جەريانىدا ۋە تۆللىگەندىن كېيىن پەرۋىش قىلىنىدۇ، ئەھۋالغا قاراپ قۇۋۋەتلىك يەم- خەشەك تەييارلىنىدۇ، قوتانلار ئۆلچەملىك «ياتاق» قىلىپ ئايرىلىدۇ، «مەركىزىي ئاشخانا» شەكلىدە يېمەكلىك تەييارلىنىدۇ ...  بۇ باقمىچىلىق بازىسى ئالتە ئۆلچەملەشكەن قوتان قۇرغان بولۇپ، يورۇق، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، سېسىق پۇراقمۇ يوق، قويلارنىڭ مەرىگەن ئاۋازلىرى تۇرۇپ- تۇرۇپ ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئاپتوماتلاشقان، زامانىۋى ئۇسۇلدا بېقىلغان 3600دىن ئارتۇق قوي سېمىز ھەم چوڭ. قويلار  دەسسەپ تۇرىدىغان جاينىڭ ئاستىغا قىغنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، قىغنى قىغ قىرىش تاختىسى ۋە يەر ئاستى زەنجىر تاپان ئارقىلىق بىرتۇتاش يىغىۋېلىپ، ئورگانىك ئوغۇت ئورنىدا ساتىدۇ. 

 نۆۋەتتە، باقمىچىلىق بازىسىدا مال دوختۇرى، باقمىچى، نەسىللەندۈرگۈچى، يەم- خەشەك تەييارلايدىغان «ئاشپەز» ۋە قوزا پەرۋىش قىلىش خادىمىدىن 17سى بار.

 «قوي قوتىنىغا ئېلېكتىرلىك دېزىنفېكسىيەلەش سىستېمىسى، تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق سۇ ئارقىلىق ئوقۇرنى ئاپتوماتىك تازىلاش، سۇ تولۇقلاش سىستېمىسى، قوتان ئاپتوماتىك پەردىسى قاتارلىق جەمئىي 550 يۈرۈش ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنە ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن قوتان مۇھىتى ئاپتوماتىك كونترول قىلىنىدۇ؛ مەركىزىي ئاشخانىغا TMR ئەقلىي ئىقتىدارلىق يەم- خەشەك بېرىش ماشىنىسى سەپلەنگەن بولۇپ، بىر قېتىمدىلا ئون توننا يەم- خەشەك تەييارلىيالايدۇ؛ قىغنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ھەربىر قوتاندىكى قىغنى قەرەللىك يىغىۋالدۇ، بىرتۇتاش يىغىۋېلىش، ئەنئەنىۋى باقمىچىلىقتا ئادەم كۈچى سېلىنمىسى كۆپ بولۇش، باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى»، دېدى ئەكبەر راخمان.

 5- ئاينىڭ 5- كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ چياڭدۇ تيەنباۋ قويچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 400 مىڭ تۇياق قوي باقمىچىلىق بازىسىدا، خىزمەتچى قىغنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق قوتاندىكى قىغلارنى يىغىۋالماقتا. ۋاڭ شۆ فوتوسى

 لوپنۇر ناھىيەسى شىنجاڭ چياڭدۇ تيەنباۋ قويچىلىق چەكلىك شىركىتى 2021 - يىلى يولغا قويغان 400 مىڭ تۇياق قوي بېقىش تۈرى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، تۆت ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى، 200 قوتاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىلوس پىششىقلاپ ئارىلاشتۇرۇش سېخىدىن بىرى، يەم- خەشەك ئامبىرىدىن بىرى، 10 مىڭ توننىلىق سىلوس ئورىسىدىن 32سى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 400 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

 بازىدا بېقىلىۋاتقان ئاۋخۇ قويى ئاساسلىقى لوپنۇر ناھىيەسى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە، رايونلاردىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە تەمىنلىنىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئەلا نەسىللىك قوي باقمىچىلىقىنىڭ كۆلەملىشىش، تۈجۈپىلىشىش، كەسىپلىشىش تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، لوپنۇر ناھىيەسىگە بىر تۈركۈم بورداق قوي بورداش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى چارۋىچىلىق تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈردى.  

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125