يېڭىشەھەر ناھىيەسى تۆگىقۇش خاس باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ بېيىش يولىنى ئاچتى
12:52:26 2023-05-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 5- ئاينىڭ 10- كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىسىدىكى شىنجاڭ فېڭخوۋ باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تۆگىقۇش باقمىچىلىق بازىسىغا كىرگىنىمىزدە، چىتلاق ئىچىدىكى تۆگىقۇشلارنىڭ بەزىلىرى ئەركىن سەيلە قىلىپ يۈرەتتى، بەزىلىرى بېشىنى تۆۋەن قىلىپ دانلاپ يۈرەتتى... باققۇچى ئابدۇقېيۇم ئابلىمىت تۆگىقۇشقا يەم، سۇ بەرگەچ، تېخنىكتىن باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىۋاتاتتى. «مېنىڭ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا يېرىم يىلدىن ئاشتى، مائاش تەمىناتىم يامان ئەمەس، يەنە باقمىچىلىق تېخنىكىسىنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيگە يېقىن بولغاچقا، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىشقا قولايلىق. مەن تېخنىكا ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈم باقمىچىلىق قىلىپ كىرىمىمنى ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن.» دېدى ئابدۇقېيۇم ئابلىمىت.

 بۇلتۇر، يېڭىشەھەر ناھىيەسى خاس باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇرسەت قىلىپ، شىنجاڭ فېڭخوۋ باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تۆگىقۇش باقمىچىلىقى تۈرىنى كىرگۈزۈپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، تۆگىقۇش باقمىچىلىقىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى ھەم كارخانىنىڭ مەبلەغ، تېخنىكا، بازار قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىگە تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈردى.

 بۇ شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى پېڭ لۇڭ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت بىزگە يەر، سۇ، توك قاتارلىقلارنى ھەل قىلىپ بەردى، يەنە باج جەھەتتە باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈش قىلىش سىياسىتى بېرىپ، كارخانىمىزنىڭ يېڭىشەھەردە تېز يىلتىز تارتىشىغا ياخشى ئاساس سېلىپ بەردى.»

 ئىگىلىنىشىچە، تۆگىقۇشنىڭ ھەممە يېرى گۆھەر بولۇپ، تۆگىقۇشنىڭ گۆشى، تۇخۇمىنىڭ ئىستېمال قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، تۆگىقۇشنىڭ پەيلىرى، پۇت سۆڭىكى قاتارلىقلارنىمۇ يىغىۋېلىپ پايدىلانغىلى بولىدىكەن، تۆگىقۇش باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئىكەن. پېڭ لۇڭ مۇنداق دېدى: شىركەت بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز جايىدا چۈجە چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، چىقارغان تۆگىقۇش چۈجىسىنى شۇ جايدىكى ئاممىغا بېرىپ، تېخنىكىنى ھەقسىز ئۆگىتىپ، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ۋاكالىتەن بېقىش ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېشىل باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

 (يېڭىشەھەر ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئابلىكىم ھاشىم، ئابدۇسالام ئادىل)

 يېڭىشەھەر ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125