گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يۈنمېي) 5- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» مەخسۇس تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار قاتناشتى. توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقاممەت، دىلشات قىدىرخان، مەمتىمىن قادىر پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. لى نىڭپىڭ، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې يازما پىكىر ئالماشتۇردى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، تۈپ ۋەزىپىسى، كونكرېت نىشانى، نۇقتىلىق تەدبىرلىرىنى چىڭ ئىگىلەپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى غايىنى چىڭىتىدىغان، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلايدىغان ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە قويۇپ ئويلىشىپ، پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىي ھەرىكەتتە، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش نەتىجىسىدە نامايان قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى چۆرىدەپ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېما ئەمەلىيەت پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى قەيەرگىچە ئالغا سىلجىتىلسا، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى شۇ يەرگىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؛ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاشقا، خەلقنىڭ قاتنىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر قاتارلىقلارغا دائىر خىزمەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)