ئانار بۇلۇت ساغلاملىق ھەمراھى | ھەدىيە ھاشىم: كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسىدە ئىلغار تېخنىكا بار
21:14:57 2023-06-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 6- ئاينىڭ 6- كۈنى «مەملىكەتلىك كۆز ئاسراش كۈنى»، بۇ يىلقى باش تېما «كۆز ساغلاملىقىغا ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈش». كۆز ساغلاملىقى خەلق ساغلاملىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ پۈتۈن ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا چېتىلىدۇ.

 كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش ھەممىمىزگە ناتونۇش ئەمەس. لېكىن، سىز راستتىنلا كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنى چۈشىنەمسىز؟ كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەمالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كۆز كېسەللىكى بولۇپ، 60 ياشتىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىدا كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش نىسبىتى تەخمىنەن %80كە يېتىدۇ. كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن ھامان، دەسلەپكى مەزگىلدىكى كۆز گۆھىرىنىڭ دۇغلىشىشى كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا تەكشۈرۈلمىسە ۋە داۋالانمىسا ئەما بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرغا قەدەر كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنى داۋالايدىغان دورا تېخى يوق، ئوپېراتسىيە قىلىش ھازىرقى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بىرى.

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئانار بۇلۇت «ساغلاملىق ھەمراھى» سەھىپىمىزنىڭ بۇ سانىدا ئۈرۈمچى ئەيئېر ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مەڭگۈلۈك پەخرىي دوختۇرخانا باشلىقى، كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ھەدىيە دوختۇر بىلەن كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.



(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125