مەسىلە ئېڭىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك
22:24:09 2023-06-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە ⑦

 شىن شىجيەن

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار مەسىلە يۆنىلىشى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت، مەسىلىلەر، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» ئومۇمىيلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ياخشى تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تېخىمۇ دەل جايىدا دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھالدا قانات يايدۇرۇپ، نىشانلىق ئىشلەپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىزمەت ئىستىلىنى نامايان قىلدى. مەسىلە ئېڭىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن زۆرۈر، بۇ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر يول.

ماركس ئىلگىرى چوڭقۇر قىلىپ: «ئاساسلىق قىيىنچىلىق جاۋاب بولماستىن، بەلكى مەسىلە» دەپ كۆرسەتكەنىدى. مەسىلە ئېڭى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. مەسىلە ئېڭىنىڭ كۈچلۈك بولۇش- بولماسلىقى، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچىنى چىڭ تۇتۇش- تۇتالماسلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. بىر تەرەپتىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بەزى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىمىز. مەسىلە ئېڭىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ رېئال ئېھتىياجى، ھەم شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

«تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ ياخشى دورا يىغىش» ئىرادىسى بىلەن مەسىلىنى بايقاش كېرەك. مەسىلىنى بايقاش مەسىلىنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. بەزى كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مەسىلىنى بايقىيالماسلىقىدىكى سەۋەب نەدە؟ ئاممىنىڭ نۇرغۇن ئويلىرى ھەمىشە رەسمىي سورۇنلاردا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويۇلمايدۇ.«تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ دورىنىڭ ياخشىسىنى يىغىش، چوڭقۇر كۆلگە بېرىپ بېلىقنىڭ چوڭىنى تۇتۇش»، پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەقىقىي تۈردە كەمتەر بولۇپ، كىبىرىنى تاشلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئاممىنىڭ تۇرمۇش چەمبىرىكى، خىزمەت چەمبىرىكى، دوستلار چەمبىرىكىگە سىڭىشىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كېلىش مەقسىتىنى، سەمىمىيىتىنى تەدرىجىي چۈشىنىشكە ئازراق ۋاقىت بەرگەندىلا، ئامما ئاندىن كۆڭلىدىكىنى ئوچۇق ئېيتىشنى خالايدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلىگىلى، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.

«لۇشەن تېغىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇش» ماھارىتى بىلەن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتكە بۆلۈنىدىغانلىقى ئۆزىدىن مەلۇم. ھالبۇكى، تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن زور مىقداردىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللار كۆپىنچە ھالدا تارقاق، ھېسسىي بولۇپ، پارچە- پۇرات ئۇچۇر، سانلىق مەلۇماتلارغا قارىتا شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ رەتلەش، ساختىسىنى چىقىرىۋېتىپ ھەقىقىيسىنى ساقلاپ قېلىپ تاللاپ ئېلىش، بىر ھادىسىدىن يەنە بىر ھادىسىگە ئۆتۈپ ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تاشقى ھادىسىدىن ئىچكى ماھىيىتىنى ئىگىلەپ تەھلىل قىلىش ئېلىپ بارغاندىلا، ئاندىن چىگىش، مۇرەككەپ ھادىسىلەردىن مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنى ئاقىلانە تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ، بۇ «لۇشەن تېغىنى تونۇش»تەك بىر خىل ماھارەت بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنداق بولمىسا، تەكشۈرۈپ قويۇپلا تەتقىق قىلماسلىققا، تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ تەتقىق قىلىشقا سەل قاراشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. سانسىزلىغان ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا «لۇشەن تېغىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇغان»دىلا ئاندىن ئەھۋالمۇ، مەسىلىمۇ، تەھلىلمۇ، تەكلىپمۇ بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، توغرا تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىي ئاساس ۋە پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

«قەتئىيلىك بىلەن بەل قويۇۋەتمەيدىغان» چىدامچانلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. يولداش ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى ئوبرازلىق قىلىپ: «تەكشۈرۈش خۇددى <ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈش>كە، مەسىلىنى ھەل قىلىش خۇددى <يەڭگىش>كە ئوخشايدۇ. تەكشۈرۈش دەل مەسىلىنى ھەل قىلىش دېمەكتۇر» دېگەن. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ياخشى بولغان- بولمىغانلىقىنى ئۆلچەشتە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كۆلىمىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىغا، ۋاقتىنىڭ قانچىلىك ئۇزاقلىقىغا، شۇنداقلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنىڭ قانداق يېزىلغانلىقىغىلا قارىماسلىق كېرەك، مۇھىمى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە قاراش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قاراش، مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلالايدىغان- قىلالمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دەل شەكىلۋازلىقتۇر. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا، بىز نۇرغۇن مەسىلىگە دۇچ كەلدۇق، مەسىلەن، ئىدىيەۋى قاراش مۇتەئەسسىپ بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلار. پارتىيەلىك كادىرلار «قەتئىيلىك بىلەن بەل قويۇۋەتمەيدىغان» چىدامچانلىق بىلەن مەسىلىنى چىڭ كۆزلەپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىلا، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىگە ھەقىقىي يەتكىلى بولىدۇ.

«مەسىلە بايقىمايدىغان» تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ، بۇ پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، توغرا ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقا توسالغۇ بولىدۇ. مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە ئېڭىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرگەندىلا، ئاندىن ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، تومۇرنى توغرا تۇتۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش داۋامىدا باش تېما تەربىيەسىدە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغىلى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125