ئۈجمە − يازنىڭ تۇنجى مېۋىسى. ئادەتتە يازدا ئۈجمە يېيىشنى ياقتۇرمايدىغانلار يوق دېيەرلىك. بەزىلەر تومۇز ئىسسىق كۈنلەردە توڭلاتقۇدا ساقلاپ يەيدۇ. بەزىلەر ئۈجمىنى «ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ» دەپ يەيدۇ، بولۇپمۇ دىيابېت كېسىلى بارلار «مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە مۇشۇنى يېسەك بىزگە ماس كېلىدۇ» دەپ يەيدۇ. بەزىلەر «قىزىلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاقنىڭكىگە قارىغاندا ياخشىراق» دەپ قىزىلىنى يەيدۇ، يەنە بەزىلەر «ئاق ئۈجمىنىڭ شىپالىق رولى قىزىلنىڭكىگە قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ» دەپ يەيدۇ. ئاق ئۈجمە بىلەن قىزىل ئۈجمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىدە پەرق بارمۇ؟ بۈگۈن مۇتەللىپنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ باقايلى.