شېن شياۋمىڭ، زۇمرەت ئوبۇل، ماۋ ۋېيمىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ) 6- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ خۇنەنگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى. 6- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شېن شياۋمىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ماۋ ۋېيمىڭ خۇنەن ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
شېن شياۋمىڭ شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالى تىنچ- ئىناق بولغان، ھەر مىللەت خەلق بەختلىك، خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانى خۇنەن بىلەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مېھىر- مۇھەببىتى، دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانى بولدى، شۇنداقلا ئۆلكە بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش، ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى بولدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە بولۇشنى پۇرسەت بىلىپ، مېخانىزم، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش، كەسىپلەر ھەمكارلىقى، ئىقتىساد- سودا ئالاقىسى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئىككى جاينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
زۇمرەت ئوبۇل خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكى ۋە چىن ھېسسىيات بىلەن ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئاپىرىن ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. خۇنەننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جەھەتتە شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى؛ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى زورايتىشىنى؛ دائىملىق كادىرلارنى تاللاپ ئەۋەتىش، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ بىلەن خۇنەننىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ماۋ ۋېيمىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇپ، خۇنەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، خۇنەن- شىنجاڭ ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى. بىز خۇنەننىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش داۋامىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىگە سىڭىشىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز.
خۇنەندىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، يەنە مالەنشەن سىنلىق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى باغچىسى، شياڭجياڭ فوندى كىچىك بازىرى، جۇڭليەن جۇڭكې ئاقىل كەسىپلەر شەھەرچىسى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن لى ديەنشۈن، ۋۇ گۇييىڭ، ۋاڭ يىگۇاڭ، ۋۇ لەن، چېن ۋېنخاۋ، چىن گوۋېن، جوۋ خەيبىڭ، جۇ يۈ، يې شياۋيىڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ جۇ، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، ۋاڭ گاڭ، ليۇ جيەنمىڭ، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)