سىياسىي نەتىجە قارىشىدىن ئىبارەت بۇ ئەينەكنى پات- پات سۈرتۈپ، ئۇنىڭغا ئەستايىدىل قاراش كېرەك
23:21:55 2023-06-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

−باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (8)

شىن شىجيەن

ئەمەلدار بولۇش يولىدا باش ئورۇندا تۇرىدىغىنى سىياسىي نەتىجە قارىشى. سىياسىي نەتىجە يارىتىش پۇقرالار ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزى ئۈچۈنمۇ؟ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇلىدىغان سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەكمۇ ياكى ۋاقىتلىق داغدۇغا قوزغايدىغان سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەكمۇ؟ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىپ سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەكمۇ ياكى ساختىپەزلىك ۋە ئالدامچىلىققا تايىنىپ سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەكمۇ؟ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا نىسبەتەن سىياسىي نەتىجە قارىشى بىر ئەينەك، ئۇنىڭدا ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ، مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش چاقناپ تۇرىدۇ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

باش تەلەپتىكى «ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش» «يېڭى تۆھپە يارىتىش»تىن كونكرېت نىشاندىكى «ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» «ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلققە بەخت يارىتىش»قىچە، يەنە نۇقتىلىق تەدبىرلەردىكى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش»قىچە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىن ئىبارەت بۇ ئەينەكنى پات- پات سۈرتۈپ، ئۇنىڭغا ئەستايىدىل قاراپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش جەريانىدا پەرقلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

«كىچىك مەن»نى «ئومۇملۇق»قا سېلىشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. مەيلى «پۈتكۈل خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۆزىنى ئويلاپمۇ قويمىغان» جياۋ يۈلۇ بولسۇن، ياكى «پۇقرالارغا ياردەملىشىپ ئىش قىلىپ بېرىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە قانداقلا ئىشلىسەك ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ» دېگەن لياۋ جۈنبو بولسۇن، ياكى جان پىدالىق كۆرسىتىپ ئاممىنى «بەخت سۈيى» ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ليۇ خۇ بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «كىچىك مەن»نى «ئومۇملۇق»قا سىڭدۈرگەن نەمۇنىچىلار، ئۇلار خەلققە بەخت يارىتىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغانلاردۇر. «ئەمەل تۇتۇپ خەلققە ئىگە بولمىغاندىن، ئۆيگە قايتىپ تاتلىقياڭيۇ ساتقان ياخشى»، ئەمەل تۇتۇپ بەگ بولۇۋېلىش، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولماسلىقتەك ئويلار، ئۇسۇللار كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشى بىلەن زادىلا سىغىشمايدۇ. بىز «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە دەپ بىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلمەسلىكىمىز، مەۋھۇم ئىش قىلماسلىقىمىز، قۇرۇق نام قوغلاشماسلىقىمىز، خەلققە جاپا سالىدىغان، مال- مۈلۈككە زىيان سالىدىغان ئوبراز قۇرۇلۇشى، سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللانماسلىقىمىز، «خەلق ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى تەشەببۇس قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش، خەلق بىزار بولىدىغان ئىشلارنى توسۇش، چەكلەش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

«سىرتقى كۆرۈنۈشى» بىلەن «ئىچكى ھالىتى»گە قاراپ باقايلى. قىسمەن جايلار سىرتقى كۆرۈنۈشى يارقىن، چىرايلىق بولۇش، يۈزى بولۇش ئۈچۈن، يالغان مەلۇمات بېرىپ كۆپتۈرمىچىلىك قىلىپ، «رەقەمدىكى سىياسىي نەتىجە» «ساختا سىياسىي نەتىجە» بىلەن مەشغۇل بولۇپ، نەتىجىدە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىپ قويدى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلدى. «ئېشەك تېزىكىنى پارقىرىتىپ كۆرسىتىش»كە ئوخشاش ساختىپەزلىك قىلىش تەرەققىياتتىكى ئىقتىدارسىزلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىش، تەدبىر بەلگىلەش «دەل جايىدا بولماسلىق»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىگە غايەت زور زىيان يەتكۈزىدۇ. بىز ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق خىزمەتنى ئەھۋال ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، ھەقىقىي، ئىشەنچلىك بولۇشى ئاساسىدا ئىشلىشىمىز، بىرنى بىر دېيىشىمىز، ئىككىنى ئىككى دېيىشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ خۇش خەۋەرنى ئېيتىپ، قايغۇنى ئېيتمايدىغان ئىشنى قىلماسلىقىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ساختىپەزلىك قىلماسلىقىمىز كېرەك.

«ئاشكارا نەتىجە» بىلەن «يوشۇرۇن نەتىجە»گە قاراپ باقايلى. سەنشى يوۋيۈ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىلىرى كۆچەت تىكىشتە كۈچ ئۇلاشنى قانات يايدۇردى، شىنجاڭ ئاقسۇدىكى كادىرلار، ئامما «كۆكيار مۆجىزىسى»نى ياراتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ قىممىتى ئىزچىللىقتا ئىكەنلىكى، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئىلھام بېرىدۇ. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش بىزدىن ھەم «ئاشكارا نەتىجە» يەنى «ساقلاپ تۇرغىلى بولمايدىغان» ئاشۇ ئىشلارنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالار كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدىغان ئىشلارنى قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ؛ ھەم «يوشۇرۇن نەتىجە» يەنى ئاشۇ «ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدىغان» ئىشلارنى پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىپ قىلىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئاساس بولىدىغان، ئاساس سالىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە قارىتا، جەزمەن تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا قىزىققانلىق قىلىش، قارىغۇلارچە ئىش قىلىش، قاراملىق قىلىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىشنى تېز ۋۇجۇدقا چىقىرىش ھەمدە «مۇسابىقە يولىنى ئالماشتۇرۇش» «ئىز قالدۇرۇش» قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىپ، ئالدىراپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىش، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كېتىش قاتارلىق يېنىكلىك پىسخىكىسى، ئالدىراقسانلىق روھىي ھالىتىنى تەڭشەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

«توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيەۋىلىك.» پارتىيەۋىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشى، سۆز- ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇشى، ئەخلاق- پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىدىكى ئۇل تاش. پارتىيەۋىلىك كۈچلۈك بولغاندىلا، شەخسىي غەرەز، بىمەنە خىياللارنى چۆرۈپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن سىياسىي نەتىجە قارىشىدا ئېغىش كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تاۋلىنىشنى كۈچەيتىشنى «زۆرۈر دەرسلىك» قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سەمىمىي سۆزلەپ، سەمىمىي ئىش قىلىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشقا مەڭگۈ پۈتۈشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125