ئىشنى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن باشلاش كېرەك
22:57:13 2023-06-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (13)

شىن شىجيەن

كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، «شىنجاڭنىڭ پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك، شىنجاڭغا مال سالماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش؛ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ مائاشىنى بېرىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش خىزمىتى كۆرسەتمىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ مائاشىنى بېرىش كاپالىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش... باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار دادىللىق بىلەن ئىشنى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا چىن ھېسسىيات ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلدى. قىيىن نۇقتىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان، ئاغرىق نۇقتىغا بىۋاسىتە تېگىش قىلىدىغان بۇ خىل خىزمەت ئىستىلى مۇقەررەر باش تېما تەربىيەسىدە خەلق ئاممىسى رازى بولغۇدەك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

«كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەر ئاممىباب ئېيتقاندا، روشەنكى، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، لېكىن «تۈرلۈك سەۋەبلەر» تۈپەيلىدىن ھەمىشە ھەل قىلغىلى بولمايۋاتقان ئاشۇ مەسىلىلەرنى كۆرسىتىدۇ، ھەمىشە ھەل قىلغىلى بولماسلىقنىڭ ئىككى سەۋەبى بار: بىرىنچى، مەسىلىنىڭ ئۆزى مۇرەككەپ، ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور؛ ئىككىنچى، مەسىلىنىڭ ئۆزى چوڭ ئەمەس، ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تونۇش، مەسئۇلىيەت، ئىقتىدار قاتارلىقلار كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن، كىچىك مەسىلىلەر ئارقىغا سۆرۈلۈپ چوڭ مەسىلىگە ئايلانغان، ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ زورايغان، شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈركى، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بەزى «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەر يەنە كېلىپ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى ئاغرىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا بولۇپ، ئۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەبىئىي ھەل بولمايلا قالماستىن، يەنە تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئېغىر دەرىجىدە چۈشەپ قويىدۇ.

ئاسان ئىشنى ھەل قىلىشتا، ۋاقىت ۋە كۈچنى تېجەپ قالغىلى، تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ؛ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپىياتى يۇقىرى بولىدۇ، ئۈنۈمى ئاستا بولىدۇ. ھالبۇكى، بىز ھەرگىز ئىشنىڭ ئاسىنىغا يۈگۈرۈپ، قىيىنىدىن قاچساق بولمايدۇ. «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن ئارزۇسى يۈكلەنگەن. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئەڭ ئاخىرىدا ئاممىنىڭ رازى بولۇش- بولماسلىقىنى تۈپ باھالاش ئۆلچىمى قىلىش كېرەك. ئەگەر كادىرلار ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىيىن مەسىلىگە يولۇققاندا، «مۆكۈشمەك» ئوينىسا، بۇ مەسىلىنىڭ «چوڭىيىپ كونىراپ كېتىشى»گە يول قويسا، بۇ، ئىشنىڭ يېنىكىنى تاللاپ، ئېغىرىدىن قېچىش، سېمىزىنى تاللاپ، ئورۇقىنى تاشلاش ئىستىلىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئامما قانداقمۇ رازى بولسۇن؟ پەقەت قىيىن مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، باش تارتماي، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئاممىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان غەم قىلىدىغان ئىشلار، باش قاتۇرىدىغان ئىشلار، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلارنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلغاندىلا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، باش تېما تەربىيەسىدىمۇ ئاندىن ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

دىققەتنى مەسىلىنىڭ ئۆزىگە يەنە مەركەزلەشتۈرسەك، «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەس، ئەمما ئۇلار ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە ئەمەس. «سانلىق مەلۇمات قاتراش» «ئامما قاتراش»نىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشتە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئارزۇسى تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلانماقتا؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا «ئالاقە تورى» قانات بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يىراققا سېتىلماقتا؛ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى ھاجەت قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئەندىزىدىن پايدىلىنىپ، زور بىر تۈركۈم «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كېسەلنىڭ يىلتىزىنى توغرا تېپىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئۇسۇل- يولنى توغرا تاپقاندىلا، «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرنى تېز ھەم ئوڭاي ھەل قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشقىلى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئىشنى «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن باشلاشمۇ ھەرگىز ئاسان ئىش ئەمەس. بەزى مەسىلىلەردە ھەم كۆپ تەرەپنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش- ماسلاشتۇرۇشقا، ھەم ھەقىقىي ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، بەزىدە يەنە ئەمەلىي مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ، مەشغۇلات قىلىشقا بولىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويمىغاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. يولداش ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دېگەنىدى: «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز دەريادىن ئۆتۈش، لېكىن كۆۋرۈك ياكى كېمە بولمىسا ئۆتەلمەيمىز. كۆۋرۈك ياكى كېمە مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، دەريادىن ئۆتۈش قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.» «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى دەل دەريادىن ئۆتىدىغان «كۆۋرۈك ياكى كېمە»دە. ھازىر، مەيلى شىنجاڭغا «پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك، مال سالماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش بولسۇن ياكى قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولسۇن، ھەممىسىدە چارە تېپىپ «كۆۋرۈك ياكى كېمە» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بىز ئاندىن بۇ قىيىن ئىشلارنى ياخشى بېجىرەلەيمىز.

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا كۆرۈلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرنى قادىلىپ تۇرۇپ تۈزىتىپ، خەلق ئاممىسىغا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، قىيىن ۋەزىيەتنى ئوڭشاشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاممىنىڭ باش تېما تەربىيەسىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125