خۇشاللىق ۋە ئىناقلىق بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي رېڭى
11:21:37 2023-07-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 گاۋ ۋا

 ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەر جەم بولۇپ، شادىيانە مەشرەپكە چۈشتى؛ قوشنىلار بىر- بىرىنى تەكلىپ قىلىپ، قىزغىن كەيپىياتتا ساڭزا سېلىپ، ئېسىل نازۇ نېمەتلەرگە ئېغىز تەگدى؛ نەغمە- ناۋا ياڭرىدى، لەرزان ئۇسسۇل ئوينالدى، ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى ئاھالىلەر، ساياھەتچىلەرنى بەس- بەستەكېلىشكە جەلپ قىلدى... قۇربان ھېيت گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، مېۋە- چېۋىلەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىگە توغرا كېلىپ، گۈزەل شىنجاڭ شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى.

 بايرام− بىر رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆزىتىدىغان كۆزنەك. تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى خۇشاللىققا تولغان، ھەر مىللەت ئامما شادلىققا چۆمگەن بايرام كەيپىياتى بىزگە بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەۋاتقان، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئالاقىلىشىۋاتقان، ئالماشتۇرۇۋاتقان، يۇغۇرۇلۇۋاتقان گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى كۆرسەتتى، شۇنداقلا دۇنياغا تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ ھەقىقىي شىنجاڭنى نامايان قىلدى.

 خۇشاللىق ۋە ئىناقلىق بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي رېڭى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولغاچقا، بۈگۈنكى تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

 خۇشاللىق ۋە ئىناقلىققا تولغان شىنجاڭ بىزنىڭ ئورتاق قۇرۇشىمىزغا موھتاج. بىز بايرام شادلىقىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىش بىلەن بىللە، تەستە قولغا كەلگەن بۇ بەختلىك تۇرمۇشنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق ياخشى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

 («سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125