يېڭىسار ناھىيەسى لومپا يېزىسى تېتىرباغ 4- كەنتىدە، ۋاڭ جاۋخۇي ھەقىقىي مۇھەببەت رىشتى بىلەن تۇغقىنى كامىل ئىمۇقنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنى تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش يولىغا باشلىدى.
7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەندە، ۋاڭ جاۋخۇي قولىدىكى خىزمىتىنى تۈگىتىپ، كامىل ئىمۇقنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئىنەكلەرنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ۋە باقمىچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەمدە ئىسسىق ھاۋادا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى.
لومپا يېزىسى تېتىرباغ 4- كەنتىنىڭ كادىرى ۋاڭ جاۋخۇي مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىنەكلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، يەم- خەشەكنىڭ يېتەرلىك ياكى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ باقتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ھازىر ھاۋا بىر قەدەر ئىسسىق بولغاچقا، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەكلىكى، بولۇپمۇ يەم- خەشەك دۆۋىلەنگەن جايدا تاماكا چەكمەسلىك، چوقۇم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيىتتىم.
لومپا يېزىسى تېتىرباغ 4- كەنتىنىڭ ئاھالىسى كامىل ئىمۇق مۇنداق دېدى: 15 كالا نەچچە ئايدىن كېيىنلا موزايلايدۇ، بۇنى بىلگەچكە، ئۇ بۈگۈن كېلىپ ماڭا دىققەت قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى، ناھايىتى خاتىرجەم بولۇپ قالدىم.
كامىل ئىمۇق ئائىلىسىنىڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشى پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ يۆلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا ۋاڭ جاۋخۇينىڭ كۆڭۈل قويۇپ ياردەم بېرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋاڭ جاۋخۇي تېخنىكا ئۆگىتىش، ئاز سوممىلىق كىرېدىت سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىش، ئەلا سورتلۇق سىممېنتال كالىسىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ، كامىل ئىمۇق ئائىلىسىنىڭ چارۋا باقمىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى.
لومپا يېزىسى تېتىرباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى كامىل ئىمۇق مۇنداق دېدى: كەنت كومىتېتى ۋە ئىنىمنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى تېزلا ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىپ، ئۆزۈمنىڭ بىر قىسىم مەبلىغىمنى قوشۇپ سىممېنتال كالىسى سېتىۋالدىم، بۇ مەزگىلدە ئۇ ماڭا ئىزچىل تېخنىكا ئۆگىتىپ كەلدى، ھازىر ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىنىمۇ ئىگىلىۋالدىم.
لومپا يېزىسى تېتىرباغ 4- كەنتنىڭ كادىرى ۋاڭ جاۋخۇي مۇنداق دېدى: نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش ئارقىلىق، ھازىر كالا 34 تۇياققا يەتتى، بۇ يىل 11 موزاينى سېتىپ، ئومۇمىي كىرىمنى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردۇق.
باقمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە تىجارەت ئىدىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كامىل ئىمۇق ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق ئۇسۇلىنى كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
لومپا يېزىسى تېتىرباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى كامىل ئىمۇق مۇنداق دېدى: بۇ يىل يەنە قەرز ئېلىپ، چوڭراق قوتان سېلىپ، كۆپرەك كالا سېتىۋېلىپ، تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن.
لومپا يېزىسى تېتىرباغ 4- كەنتنىڭ كادىرى ۋاڭ جاۋخۇي مۇنداق دېدى: كېيىنكى خىزمەتلەردە يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار بىلەن پائال ماسلىشىپ، ئۇنىڭ قوتان كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى نەسىللىك كالا كىرگۈزۈشكە پائال يېتەكچىلىك قىلىمىز ۋە ياردەم بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنى كەنتىمىزدىكى باقمىچىلىق ئۈلگىسى قىلىپ تىكلەپ، ئەتراپتىكى ئاممىنى يېتەكلەپ، تېخىمۇ ياخشى بېيىش يولىغا باشلايمىز.
يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى: يۈسۈپجان روزى، قۇربانجان تۇرسۇن