ياز كۈنلىرى ئۆيلەردە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئارقىلىق سالقىنداش نۇرغۇن ئائىلىگە ئومۇملىشىپ بولدى. بەزى ئائىلىلەردە يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ كېچە- كۈندۈز توختىماي ئېچىپ قويۇلىدۇ. لېكىن، ھەر ئىشنىڭ چېغىدا بولغىنى ياخشى. راھەتلىنىشنىلا كۆزلەپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامىلىدا ئۇزاق تۇرۇپ قالغاندا، سالامەتلىككە زىيان يېتىپ قالىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچكە زىيادە مايىللىقتىن بەدەندە كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بەزىلەر «ھاۋا تەڭشىگۈچ كېسىلى» دەپ ئاتايدۇ. ئۇنداقتا، ھاۋا تەڭشىگۈچنى قانداق ئىشلەتكەندە «ھاۋا تەڭشىگۈچ كېسىلى»دىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇشۇ ھەقتە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 7- دوختۇرخانا نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غاپپار قاھارنى زىيارەت قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)