شىنجاڭدىكى نۇرغۇن تارماق بىرلىشىپ ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىكى مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ)
ھازىر دەل ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن زور تۈركۈم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. قانداق قىلغاندا ساياھەتچىلەرنى كۆڭۈللۈك ئويناش، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، خاتىرجەم قونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ساياھەت بازىرىنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغدىغىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش، سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈش سوئال قەغىزى تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، باھا بېكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاساسىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، بىرلىشىپ «بىرىكمە مۇشت» ئېتىپ، ساياھەت بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەپ، ساياھەت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىلەن بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلەشمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىكى باھانى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار ھەمدە قىسمەن مېھمانساراي، ئائىلىۋى قونالغۇ، مەنزىرە رايونلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسى ۋە قاتناش مۇلازىمىتىدە باھانى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، بېلەت ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق ئىگىلىدى، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىكى باھا جەھەتتىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ ئالدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار باھانى تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش، ساياھەت بازىرىنىڭ باھا ئەسكەرتىش ئالاقىسى قاتارلىقلارنى تارقىتىپ، ساياھەت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغدىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بازار باشقۇرۇش باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باشقارما باشلىقى ساۋ جىخۇي مۇنداق دېدى: «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىز ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت جەھەتتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئامىللارنىڭ قايسىلار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇق ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ساياھەت كەسپى تىجارەتچىلىرىگە بولغان باھانى بەلگىلىمە بويىچە ئېنىق يازماسلىق، ساختا تەشۋىقات قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىش، باھا ئالدامچىلىقى قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەت باھاسىغا ئائىت ئەرز - شىكايەتلەرنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭنى كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق».
چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئاڭلاش، ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا باشقا ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە «ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىكى مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تەتقىق قىلىپ بېكىتتى، «زىيادە يۇقىرى باھالىق ئۆي» «زىيادە يۇقىرى باھالىق يېمەك - ئىچمەك» قاتارلىقلارنى تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ساياھەت بازىرىدىكى باھانى كۆزىتىپ ئۆلچەش، تەھلىل قىلىش، تەڭشەش - كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت بازىرىنىڭ باھا تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغدىدى، ھەمدە ساياھەتچىلەر مال سېتىۋېلىش - مال قايتۇرۇشتا ساياھەت كوپىراتىپى ئالدىن تۆلەش توغرىسىدا ئاشكارا ۋەدە بېرىش ۋە 14 كۈن ئىچىدە ساياھەت جەريانىدا سېتىۋالغان مالنى شەرتسىز قايتۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇپ يولغا قويدى.
باھا ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار ساياھەت - مېھمانخانا كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى دەرىجىسىنى باھالاشنى يېتەكچى قىلىپ، يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت مېھمانخانىسى، يېشىل مېھمانخانا، باش تېما مېھمانخانىسى، ئىستىراھەت مېھمانخانىسى، دەرىجىلىك ئائىلىۋى قونالغۇ، ئېسىل ساراي، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر، تۇرالغۇ ئاپتوموبىلى ھەيدىگۈچىلەر لاگېرىنىڭ ماركىلىشىش تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇلتۇزلۇق لاگېر، ئېكولوگىيە قورۇقى، ئاپتوموبىل مېھمانخانىسى قاتارلىق كۆپ خىل مېھمانخانا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مېھمانخانا ماركىسىنى يېتىلدۈردى.
«ھەرقايسى جايلار مېھمانخانا، مېھمانسارايلارنىڭ ياتاق، كارىۋات سانى، يېمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش مىقدارى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلەرنى ئەڭ كۆپ كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئىگىلىشى كېرەك. كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمىغان جايلار چېدىر، دالىدا قونۇش قاتارلىق زاپاس ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، ھەربىر ساياھەتچىنىڭ ئىسسىق تاماق يېيەلىشى، راھەت كارىۋاتتا ئارام ئالالىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېدى ساۋ جىخۇي.