شىنجاڭ تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى قوغدىدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا)
7- ئايدا، قۇتۇبى ناھىيەسى لاۋلۇڭخې دۆلەت دەرىجىلىك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئورمىنىنى باشقۇرۇش- قوغداش پونكىتىدا، بۇ يىل ئەتىيازدا تولۇقلاپ تىكىلگەن سۆكسۆك كۆچەتلىرى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق چۆللۈكتە يىلتىز تارتىپ، قاقاس تۇپراقتا قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
قۇتۇبى ناھىيەسى لاۋلۇڭخې دۆلەت دەرىجىلىك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئورمىنىنى باشقۇرۇش- قوغداش پونكىتىدىكى سۆكسۆك ئورمىنى. سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش مەركىزى تەمىنلىگەن
«بۇ سۆكسۆكلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە تولۇقلاپ تىكىلگەن، تولۇقلاپ بىنا قىلىنغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەي بولدى» دېدى قۇتۇبى ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى خەن جىڭ.
باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، «تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى»نى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك 45 مەمۇرىي ئورۇننىڭ تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا 3S تېخنىكا ۋاسىتىسى قوللىنىلىپ، سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرى بىلەن تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ۋېكتور سانلىق مەلۇماتىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق گۇمانىي مەسىلىلەر بايقالغان 282 يەر بۆلىكى تاللاپ چىقىلدى، چەت، يىراق جايلار، قاقاسلىشىش، چۆللىشىش، شورلىشىش ئېغىر جايلار قاتارلىق يەر شارائىتى بىرقەدەر ناچار بولغان جايلارنىڭ تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى توغرا، دەل جايىدا ئىگىلەندى.
بۇ يىل ئەتىيازدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى قۇتۇبى ناھىيەسى لاۋلۇڭخې دۆلەت دەرىجىلىك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئورمىنىنى باشقۇرۇش- قوغداش پونكىتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، سۆكسۆكزارلىقتا كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتىنىڭ بىرقەدەر تۆۋەنلىكىنى، ئورمان كۆلىمىدە چېكىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇ يەرنى ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش كارخانىسىدىكى تىجارەتچىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ كۆچەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى زور ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە باش باھاردا قار ئېرىشتىن بۇرۇن، ياۋايى ھايۋانلار يېمەكلىك كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلەرنى غاجاپ، كۆچەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ھۆددىگە ئالغان كارخانا ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان كۆچەتلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ، تولۇقلاپ تىكىش جەريانىنى ئىگىلەپ، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلار زىيىنى يۈزبېرىشىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، كونكرېت يېتەكچىلىك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، كۆچەتلەرنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆچەت تىكىش جەريانىدا چوڭقۇر- تېيىزلىقنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، پەرۋىش قىلىش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش، قوغداشتا چاشقاندىن مۇداپىئەلىنىش تورى، بىيوتېخنىكا، ئورمان بىنا قىلىش تەدبىرى قاتارلىق ئورمانلاردا توشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئىنچىكە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، دەل- دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، قۇتۇبى ناھىيەسى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تولۇقلاپ كۆچەت تىكتى، تولۇقلاپ ئورمان بىنا قىلدى، تۈزىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قوشنا ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى پائال ئۆگىنىپ، ئورمان بىنا قىلىش تەجرىبىسى مول بولغان ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانىلارنى كىرگۈزدى.
«مەن 2016- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا سۆكسۆك تىكتىم، يەنە مەخسۇس ئىچكى موڭغۇلغا بېرىپ ئورمان بىنا قىلىشنى ئۆگەندىم، تەكشۈردۈم. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ كىلىماتى ۋە تۇپراق شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ماس كېلىدىغان بىر يۈرۈش ئورمان بىنا قىلىش ئەندىزىسىنى يەكۈنلەپ چىقتىم. ھازىر گۇچۇڭ، مورىدىكى ھۆددىگە ئالغان يېرىمدە ئورمان بىنا قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %75تىن ئاشتى.» ھۆددىگە ئالغان كارخانىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جىۋېينىڭ تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغان يەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتا ئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى.
6- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى يەنە بىر قېتىم قۇتۇبى ناھىيەسى لاۋلۇڭخې دۆلەت دەرىجىلىك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئورمىنىنى باشقۇرۇش- قوغداش پونكىتىغا كەلدى، ئىككى ئاي ئىلگىرى تولۇقلاپ تىكىلگەن سۆكسۆك كۆچەتلىرى ئاللىقاچان چۆللۈكتە يىلتىز تارتقانىدى.
«ئۈچ ئۈلۈش تېرىشتا، يەتتە ئۈلۈش پەرۋىش قىلىشتا.» ھازىر شىنجاڭنىڭ ياز پەسلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا مەزگىلى، كۆچەتلەرنى كۈندىلىك پەرۋىش قىلىش، سۇغىرىش ئاچقۇچلۇق ھالقا. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى جايلارنىڭ تۇپراق شارائىتى، كىلىمات مۇھىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق ھالدا، مۇۋاپىق مىقداردا، ۋاقتىدا سۇغىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغان يەرلەرگە قارىتا، ياردەم پۇل مەبلىغى تېزدىن «ھەممىباب كارتا» ئارقىلىق ئائىلىلەرگىچە نەقلەشتۈرۈلىدۇ.
شىنجاڭ 2000- يىلىدىن تارتىپ تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان، قۇم- بوران، شور زىيىنى ئېغىر، ئېكولوگىيەلىك رايون ئورنى مۇھىم بولغان رايونلاردا تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئورمانغا قايتۇرۇش، قاقاس تاغ، قاقاس يەرلەردە ئورمان بىنا قىلىش، دائىرىلەپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، جەمئىي 19 مىليون 114 مىڭ مو يەرنى تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشنى تاماملاپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى كۈچلۈك قوغدىدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈردى. يەنە تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن پائال پايدىلىنىپ، 12 مىليون مو كۆلەمدىكى تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن باغۋەنچىلىك بەلبېغى بەرپا قىلىپ، باغۋەنچىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننى نەپكە ئېرىشتۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىر تەرەپتىن، تولۇقلاپ تىكىش، تولۇقلاپ ئورمان بىنا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش كۆلىمىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ بىر تەرەپتىن، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تاغلارنى تېخىمۇ يېشىل، ئېكولوگىيەنى تېخىمۇ گۈزەل، دېھقانلارنى تېخىمۇ باي قىلىدۇ.