كۆز تېمىتمىسىنى توغرا ئىشلىتىشنى بىلەمسىز؟ بىرىنچىدىن، دورا قۇتىسىنىڭ ئېغىزىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى بىر ئاي ئىچىدە ئىشلىتىپ بولۇش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، كۆز تېمىتمىسىنى كۆزنىڭ قارىچۇقىغا تېمىتماي، تۆۋەنكى قاپاقنى ئېچىپ تۇرۇپ بىرىكتۈرگۈچى پەردە خالتىسىغا، يەنى تۆۋەنكى قاپاق بىلەن كۆز ئالمىسى ئارىسىدىكى بوشلۇققا تېمىتىش كېرەك؛ ئەڭ ئاخىرىدا، كۆز تېمىتمىسىنى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك، مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دېگەن قاراش توغرا ئەمەس. ئۇنداقتا، سىزمۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە قىزىقامسىز؟ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇشۇ ھەقتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى مەرھابا يۈسۈپنى زىيارەت قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)