يېڭىسار ناھىيەسى كالا- قوي باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى
18:07:55 2023-07-27 يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسى دېھقانلارنى كالا- قوي باقمىچىلىقى كەسپى كۆلىمىنى زورايتىشقا داۋاملىق يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

 7- ئاينىڭ 22- كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسى چولپان يېزىسىدىكى تىلەك باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كالا- قويلار يەم يەۋاتقان بولۇپ، كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى ئابدۇرازاق ئەزىزنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

 ئابدۇرازاق ئەزىز مۇنداق دېدى: بۇ يىل 300 تۇياقتىن كۆپرەك قوي ساتتىم، يەنە 800 نەچچە تۇياق قوي بار، ھەممىسى نەسىللىك تاشقورغان قويى، شۇڭا كېلىپ سېتىۋالىدىغانلارمۇ كۆپ، يەنە تېخى 200 نەچچە تۇياق قوي 11- ئايدا قوزىلايدۇ، مۇشۇنداق ھېسابلىساق، بۇ يىل قوينىڭ سانى 1000 تۇياقتىن ئاشىدۇ. بىزنىڭ بۇ قويلارنىڭ سورتى ئەڭ ياخشىسىنى 50 مىڭ ئەتراپىدا ساتقىلى بولىدۇ.

 تاشقورغان قويىنىڭ جۇغى چوڭ، بالدۇر يېتىلىدۇ، ئېغىرلىقى تېز ئاشىدۇ، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، تېخنىكا بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، كوپىراتىپ خېلى راۋاجلىنىپ، باقمىچىلىق كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيدى.

 ئابدۇرازاق ئەزىز مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1- ئايدىن ھازىرغىچە قوي سېتىپ قىلغان كىرىمىمىز 150 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى. تاشقورغان قويى كوپىراتىپىمىزنىڭ كىرىمىنى بارغانسېرى ئاشۇردى. بۇ بىرنەچچە يىلدا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، كوپىراتىپىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 300 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى. مەن چوقۇم ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىپ، كۆلەمنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى تەڭ بېيىشقا يېتەكلەيمەن. 

 كوپىراتىپ كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىققا بولغان قىزغىنلىقى ئۈنۈملۈك يېتەكلەندى. باقمىچى ئەكبەر مۆمىن كەنت كوپىراتىپىدا بېقىلغان تاشقورغان قويىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، كوپىراتىپقا كېلىپ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، باقمىچىلىق سورتىنى ئەلالاشتۇردى. ھازىر ئۇنىڭ قوتىنىدا 50 نەچچە تۇياق تاشقورغان قويى بولۇپ، كىرىمى كۆڭۈلدىكىدەك بولدى. ئەكبەر مۆمىن مۇنداق دېدى: مەن كەنتتىكى كوپىراتىپتا باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، مۇشۇ قويدىن بېقىشقا قىزىقىپ قالدىم، ھازىر تاشقورغان قويى بېقىۋاتقىلى ئۈچ يىلدىن ئاشتى، دەسلەپتە ئون تۇياق باققان، ھازىر 50 نەچچە تۇياق تاشقورغان قويى بار، ئۆتكەن يىلى 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدىم.

 يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى: يۈسۈپجان روزى، قۇربانجان تۇرسۇن

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125