​ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى «1-ئاۋغۇست» ھارپىسىدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىگە بېرىپ زىيارەت قىلدى، ھال سورىدى
20:23:12 2023-08-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ئورگىنىغا كېلىپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى سەمىمىي يوقلىدى، ھال سورىدى ھەم سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر- جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرى- زاپاس ھەربىيلەرگە بايراملىق بەخت تىلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا كۆپچىلىكنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

 ما شىڭرۇي ھال سوراش، سۆھبەتلىشىش جەريانىدا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشىنىڭ بۇيرۇقى، قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بۇرچ، ۋەزىپىلەرنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كۈچلۈك، قەتئىي قوغدىدى، چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە خەلقنىڭ بەختىنى قوغدىدى. شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور، ۋەزىپىسى مۈشكۈل. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر باشتىن- ئاخىر ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تۇرۇشلۇق جاينى يۇرتى، ئاممىنى تۇغقىنى دەپ بىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، خەۋپ- خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئارمىيە- خەلق ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاۋۋال ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ھازىر شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرماقتا. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ باش قومانداننىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى مۇقىم، ئىناق بولغان، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يىل يەنئەن ئىككىنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ 80 يىللىقى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر بۇنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ قوللاپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قىسىملاردىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيدۇ، راۋاجلاندۇرىدۇ.

 شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇلارنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بەردى ھەم قىسىملارنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى، قۇرۇلۇش، تەرەققىياتتىكى يېڭى نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى، ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش مەسئۇلىيىتىمىز، بۇرچىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پائال قوللاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

 ياڭ چېڭ، چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125