پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ھەم ئىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى
22:29:25 2023-08-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يۈنمېي) 7- ئاينىڭ 31- كۈنى، پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ھەم «جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» تېمىسىدىكى ئىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى ۋە ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى تېز تەرەققىيات يولىغا كىردى. بۇ قېتىم مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە قوللىشىدا، پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە «ئىختىساسلىقلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، پەنلەرنى ئورتاق بەرپا قىلىش» مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرىدە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە پەن قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، تەربىيەلەش- يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ تەدبىر تەتقىقاتى يۇقىرى سۈپەتلىك نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پارتىيە ئۈچۈن تەدبىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭدىكى پارتىيە مەكتەپلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم 2023- يىللىق ئەتىياز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى ۋە ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى پارتىيە مەكتەپلىرى بىلەن ئالاقە باغلاشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت ئارقىلىق مەكتەپ قۇرۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق مەكتەپنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى چۆرىدەپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى ۋە قىسمەن ئۆلكىلەردىكى پارتىيە مەكتەپلىرىدىن كەلگەن يەتتە مۇتەخەسسىس، ئالىم ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى؛ شىنجاڭ پارتىيە مەكتىپى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بېيجىڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ پارتىيە مەكتىپى بىلەن «ئىختىساسلىقلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، پەنلەرنى ئورتاق بەرپا قىلىش» بويىچە ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125