ئاپتونوم رايون باش تېما تەربىيەسى بويىچە تۈزىتىش- تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى
11:25:07 2023-08-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گۇەن مېڭيىڭ) 8- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە تۈزىتىش- تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىدا ساقلانغان مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى سىجىل، چوڭقۇر تۈزىتىشنى باش تېما تەربىيەسى بويىچە تۈزىتىش- تۈزەشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقى، ئورنىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىش- تۈزەش بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئۈنۈمنى تەكشۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىپ، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى تەرەپلەر ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش خىزمىتىدە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئاممىنىڭ رازى بولۇش- بولماسلىقىنى باھالاش ئۆلچىمى قىلىپ، ئاممىنى قاتناشتۇرۇشى، ئاممىنى نازارەت قىلدۇرۇشى، ئاممىغا باھالاتقۇزۇشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈزىتىش- تۈزەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125