خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ، چىن ھېسسىيات بىلەن قىلايلى
11:42:48 2023-08-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (15)

 شىن شىجيەن

«ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش» شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىيەت يولى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن باش تېما تەربىيەسىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. 

ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خىزمەتنىڭ مەۋقەسىنى كۆڭۈل قويۇپ دەل جايىدا بېكىتىش كېرەك. خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاياتلىق يىلتىزى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى، كۈچ مەنبەسى. باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشتا، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە مۇجەسسەملەنگەن ئاممىۋى قاراش، ئاممىۋى لۇشيەن، ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى بىرمۇبىر تۇتۇپ، ھېساباتنى بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ، پائال تۈردە «نارازىلىق نۇقتا»لىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئاغرىق نۇقتا»لارنى تۈگىتىپ، «توسۇق نۇقتا»لارنى راۋانلاشتۇرۇپ، «ئۈزۈك نۇقتا»لارنى تولۇقلاپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلق قەلبىنى ئىللىتىش، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىش خىزمىتىنى پۇختا، دەل جايىدا ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەتنىڭ «باشلىنىش نۇقتىسى»نى كۈچەپ توغرا تېپىش كېرەك. «ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش»نىڭ قىممىتى ئاچقۇچلۇق ئىشنى بېجىرىشتە، مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىشتە، مەسىلە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلققە بەخت يارىتىشتىكى كونكرېت نىشانغا توغرىلىنىپ، خەلق رايىنى كۆزىتىش، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى بىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئېتىز باشلىرىغا، چوڭ - كىچىك كوچىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن دوستلىشىپ، مۇڭدىشىپ، ھال - ئەھۋال سوراپ، ھەقىقىي تۈردە ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يىلتىزىدىن تولۇق تەھلىل قىلىپ، بېكىتىلگەن خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلاردا «ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىش»، «ياخشىلىق قىلىمەن دەپ يامان ئاتاققا قېلىش»تەك تەڭقىسلىقتا قېلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ياخشى بېجىرىشكە ئاشكارا ۋەدە بەرگەن خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 18 ئەمەلىي ئىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ھاۋالىلىك بېقىش، تۇرالغۇ، ياشانغانلار كۈتۈنۈشى، مۇھىت قوغداش قاتارلىق كۆپ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلەر مۇجەسسەملەنگەن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەزمەن توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش، تەرتىپلىك، تەدرىجىي ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىدىن خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىش، پۇختا تېپىشقا ماھىر بولۇپ، ئەڭ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىدىن باشلاپ قول سېلىپ، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇشى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىشى، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىيىن مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىشى كېرەك، «قارىقويۇق ئىش قىلىش»قا ھەرگىز بولمايدۇ، قاراملىق بىلەن بىپەرۋالىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

دىققەتنى ئاممىنى رازى قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، چىن ھېسسىيات بىلەن خىزمەتنىڭ «مەقسىتى»نى توغرا تېپىش كېرەك. ئاممىنىڭ رازى بولۇشى «ئەمەلىي ئىش بېجىرىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش» خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان «بارومېتىر». ئەمەلىي ئىشلارنىڭ ياخشى بېجىرىلگەن - بېجىرىلمىگەنلىكىگە ئامما دىققەت قىلىۋاتىدۇ، نازارەت قىلىۋاتىدۇ ۋە باھا بېرىۋاتىدۇ، جەزمەن ئاممىنىڭ ھىمايە قىلىش - قىلماسلىقى، قوللاش - قوللىماسلىقى، رازى بولۇش - بولماسلىقىنى مەسىلىلەرنى ئويلاش، ئىش بېجىرىش، تەدبىر بەلگىلەشنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىق، كۈچنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەر»نى ھەل قىلىشقا، «ئەڭ ئېغىر يۈك»نى زىممىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلار، كونكرېت ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئامما دىققەت قىلىۋاتقان «ئەمەلىي ئىشلار»نى چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى بېجىرىپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان «كۆڭلىدىكى ئىشلار»نى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان «ياخشى ئىشلار»نى ياخشى قىلىپ، بايلىق، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى پۇختا بېجىرىپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئىشلارنى ئىنچىكە بېجىرىپ، خەلق رايىغا ئۇيغۇن ئىشلارنى ياخشى بېجىرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «جاپا كۆرسەتكۈچى» ئارقىلىق ئاممىنىڭ «بەخت كۆرسەتكۈچى»نى قولغا كەلتۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125