يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 8- ئاينىڭ 3- كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شياڭ) باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 8- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تىپىك مىساللارنى تەھلىل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ۋە ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەلەرنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، تۆۋەن دەرىجىلىك كۆمۈر ۋە لىتىي كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ بىرمۇبىر پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، بولۇپمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل- پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.
ئەركىن تۇنىياز خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئۆز ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سىستېما خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپە- نىشانلارنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇسۇلنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.
ۋاڭ گوشېڭ كۆپچىلىكنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش، بولۇپمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، نىشانغا كۈچەپ تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىر تۈرلۈك دائىملىق، ئۇللۇق خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەھۋالنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى كۆڭۈلگە پۈكۈش، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش، مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەشتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىش قىلىپ، ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن كۆزىتىش- تۈزىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلىشىشىغا، قاتلاممۇقاتلام چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)