ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى
09:57:16 2023-08-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

 گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 8- ئاينىڭ 3- كۈنى خەۋىرى  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەتقىق قىلىش ئەھۋاللىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، خۇلاسىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ ئايلاندۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى. 

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا باشلامچىلىق بىلەن مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ۋەزىپە- مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانداق قىلغاندا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇشقا كۈچ قوشۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق باش تېمىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى ۋە سۆز قىلدى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى پىكىر يولى، تەدبىرلەر ۋە پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى پۇختا ياخشى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆگىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش- تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىپىك مىساللاردىن ئەستايىدىل ياخشى پايدىلىنىپ، ئىلمىي نەزەرىيەنى تەتبىقلاپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، باشلىنىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى تولۇق ئادا قىلىشقا ئايلاندۇرۇپ تەتبىقلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە ۋەكىللەر خىزمىتىگە يۇقىرى سۈپەتتە تەتبىقلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ، تۈزىتىش- تۈزەشنى پۇختا تۇتۇپ، ئىدىيەۋى مەنبەنى چوڭقۇر قېزىپ، قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىشنى ياخشى قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125