باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى ياخشى ئىشلەش كېرەك
گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 8- ئاينىڭ 3- كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، تەتبىقلاشتىكى پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ مۇھاكىمە قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى. باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېكىتىلگەن 28 نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى چۆرىدەپ باشلامچىلىق بىلەن تېما ئېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قىممىتى بار، سالمىقى بار بىر تۈركۈم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىندا بىرمۇبىر پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش ئىقتىدار ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ۋاڭ گوشېڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش، بولۇپمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى مەركىزىي خىزمەتكە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلارنى كىچىك بۆسۈش ئېغىزى قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك زور ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلدى. سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى، ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا بېرىش، ئەمەلىيەت ئارىسىغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، راست گەپنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ تەدبىر بەلگىلەشنى ئەلالاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشتىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىققا، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك تەدبىرگە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئايلاندۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)